تۈركىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇنغا ياردەم توپلاش دولقۇنى سەپەرۋەر قىلىندى

2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۆزىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، خىتاينى ئەيىبلەش، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھاياتىي خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ئەنقەرە نۇمۇنە دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەن مەمەت تۇرسۇن بىر مەزگىل داۋالىنىشى ۋە دەم ئېلىشى كېرەك ئىكەن. مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، كىچىك بىر دۇكاندىن تاپقان پۇل بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە. ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا تۇرىۋاتقان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئۇنىڭغا ياردەم پۇلى توپلاش پائالىيىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش بۈگۈن

http://www.gokbayrak.comOpens in new window ]

تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

تور بېتىدىكى ئېلاندا مۇنداق دېيىلگەن:

مەدھىيىگە لايىق جاسارەت ۋە پىداكارلىق بىلەن مىللىتىنىڭ دەرت - پەريادىغا تەرجىمان بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان مەمەت تۇرسۇننىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ياردەم قىلىشنى خالىغان، تارتقان ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ تارتىشىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بارلىق كىشىلەرنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىمىز.

ياردەم قىلىش ئۈچۈن جەمىيىتىمىز (شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى) بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ياكى تۆۋەندىكى بانكا ھېساب نومۇرلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولغان پۇلۇڭلارنى ئەۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ:

ھېساب نومۇرى:

تۈركىيە ئىش بانكىسى

قەيسەرى شۆبە مەركەز

5300 - 3864385 ( يېڭى تۈركىيە لىراسى )

5300 - 4120585 ( يىئورو )

بىز مەمەت تۇرسۇنغا ياردەم توپلاش پائالىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.