مېركىل خانىمدىن د ئۇ ق باش شىتابىغا جاۋاب خەت كەلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.09.29
2009.09.29
AFP Photo
ئانجىلا مېركىل خانىم بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قازىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىك ئىشخانىسى د ئۇ ق باش شىتابىغا جاۋاب مەكتۇبى يوللىغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا نىسبەتەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ خەت ھەققىدە قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىزگە مەلۇمات بەردى.
5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئوچۇق بايانات ئېلان قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ بىرى دەل گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل خانىم بولۇپ، ئۇ 6 - ئىيۇل كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن ئىتالىيىدە چاقىرىلىۋاتقان گ-8 يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خۇجىنتاۋنىڭ گ-8 يىغىنىغا قاتناشمايلا كېتىپ قېلىشى، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ گ-8 يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش پۇرسىتىنى يوق قىلغان. گېرمانىيە رەھبەرلىرى ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ يىرىك ھېسابلانغان باش مىنىستىر ئانجىلا مېركىل خانىمنىڭ نامىدىن د ئۇ ق غا مەكتۇپ يوللۇشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيىدە تۇتقان ئورنىنى پەرەز قىلىشقا يەتكۈدەك دەلىل سانىلىدىكەن.
مېركىل خانىمغا ۋەكالىتەن ئەۋەتىلگەن بۇ خەتتە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا ھېلىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە بولغان مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەتتە، مېركىل خانىمنىڭ 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارغا تەزىيە بىلدۈرۈدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان. مېركىل خانىمنىڭ ئىشخانىسىدىن كەلگەن بۇ خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان توقۇنۇشلارنى قانلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان.
خەتتە يېزىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى يالغۇز گېرمانىيە دۆلىتى سۈپىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە قەدەر كېڭەيتىپ، ياۋرۇپا بىرلىكى ئىتتىپاقى نامىدىن خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگلىرىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
مەزكۇر خەتنىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مېركىل خانىمنى كۆپلىگەن مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەمدە د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرى بارلىقى ئەسلىتىلگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.