مەرۋايىت ھاپىز: لېكىم ئىبراھىمنىڭ رەسىملىرىدە قەدىمىي ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ روھىي ئىپادىلەنگەن

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رەسسامى لېكىم ئىبراھىمنىڭ «مىڭ بىر پەرىشتە» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى چېخنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە 9- ئىيۇل داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، 21- ئىيۇل غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كۆرگەزمىگە سەنئەتكار ئۆتكەن ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا سىزغان مىڭ پارچە رەسىم قويۇلغان. كۆرگەزمىگە قويۇلغان بارلىق رەسىملەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 520 كۋادرات مېتىر بولۇپ، رەسسام بۇ زور تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رەسىم سۈپىتىدە «دۇنيا جىنس دۇنيا رېكورتى» غا سۇنغان.

«مىڭ بىر پەرىشتە» ناملىق بۇ رەسىملەر توپى ئۈستىدە توختالغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لېكىم ئىبراھىمنىڭ رەسىملىرىدە قەدىمىي مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى بەدىئىي ئۆزگىچىلىك ھازىرقى زامان رەسىم ئۇسلۇبىدا ئىپادىلەنگەن.
بۇ نۆۋەت كۆرگەزمىگە قويۇلغان مىڭ پارچە رەسىمنىڭ ھەر بىرىگە مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى بۇددا ۋە پەرىشتىلەر سىزىلغان.

كۆرگەزمىگە 1000 پارچە رەسىم قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ رەسىملەر ئالاھىدە ماھارەت بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلغان بولۇپ، بۇلارنى ئۆز نۆۋىتىدە بىر پارچە رەسىم دەپ قاراشقىمۇ بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئاپتور كۆرگەزمىسىگە «مىڭ بىر پەرىشتە» دەپ نام قويغان.

ئۇنداقتا بۇ رەسىملەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە قانداق باھا بېرىش مۇمكىن؟

لېكىم ئىبراھىمنىڭ رەسىملىرىگە باھا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ئۇيغۇر رەسساملىقى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

لېكىم ئىبراھىم كىم؟ لېكىم ئىبراھىم 1945- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى كىچىك دېھقان ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئالماتاغا جايلاشقان گوگول نامىدىكى گۈزەل سەنئەت مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1977- يىلى ئۆزبېكىستان تىياتىر ۋە گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەسىم فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە كېيىن تاشكەنتتە ياشاپ قالغان.

ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رەسساملىقىغا قانداق باھا بېرىش مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە گېرمانىيىدىكى تالانتلىق ئۇيغۇر رەسسامى مەرۋايىت ھاپىز ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لېكىم ئىبراھىمنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى ھەققىدە توختالغان مەرۋايىت ھاپىز: ئۇنىڭ رەسىملىرىدە قەدىمىي ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ روھىي ئىپادىلەنگەن، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لېكىم ئىبراھىم دۇنياۋى شۆھرەت قازانغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستانمۇ ئۇنى قەدىرلەشكە، ئۇنىڭ ئۆزبېك رەسسامى ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭغا «ئۆزبېكىستان دۆلەت رەسسامى» ئۇنۋانىنى بەرگەن.

ئەمما، لېكىم ئىبراھىمنىڭ بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تونۇشلۇقى بار مەرۋايىت ھاپىز، لېكىم ئىبراھىمنىڭ ساپ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رەسسامىغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇماتلارغا، قارىغاندا لېكىم ئىبراھىم يېقىندا ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «مىڭ بىر پەرىشتە» رەسىملىرىنى دۇنيانى ئايلىنىپ كۆرگەزمە قىلىشنى باشلايدىكەن.