7 -ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇيغۇر پىدائىيلار، خوتەندە ناۋاغ ساقچىخانىنىڭ ئۆگزىسىدىكى قىزىل بايراقنى يىقىتىپ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى قادىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قىزىل بايراقنىڭ شان شەرىپىنى كۆتۈرۈش سەپەرۋەرلىكى قوزغىغان. سەپەرۋەرلىك بويىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ 5 يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى قاداش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئاقسۇدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەت كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى دىنىي زات ۋە جامائەتنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. نەتىجىدە كۇچادىكى مەسچىتلەرگە بايراق قاداش سەپەرۋەرلىك ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تۈنۈگۈن رادىئومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەردە دۆلەت بايرىقىنى قاداش سەپەرۋەرلىكى قوزغالغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا جامائەت ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا بولغانلىقىنى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر يېزىدا 5 دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن يەرلىك دائىرىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. دائىرىلەر، 5 دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسىنى رەت قىلدى؛ ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە مەسچىتلەرگە قىزىل بايراق قاداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا قارشىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى:
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەسچىتلەرگە قىزىل بايراق قاداش ھەرىكىتى قارشىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، كۇچادا ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان. ئەمما بۇ تۈزۈمنىڭ ئاقسۇدىن باشقا ۋىلايەتلەردە يولغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ۋە بۇ جايلاردا قانداق ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.