مەسۇمجان زۇلپىقاروف: مەن ھەر كۈنى10 سائەتلەپ يازىمەن ۋە كىتاب ئوقۇيمەن

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە تارىخىي شاھىد مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇنىڭ " ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى" ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن شېئىر توپلاملىرى، دراممىلار ھەم " يانار تاغلار " قاتارلىق رومان ۋە پوۋېستلارنىڭ ئاپتورىدۇر. مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيە كاپىتانى بولۇپ، كۆپلىگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىنى يازماقتا شۇنىڭدەك يەنە 20 - ئەسىر تارىخىغا ئائىت تۆت توملۇق رومانىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئۈستىدە ئىشلىمەكتە.

مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى مەسۇمجان زۇلپىقاروف 1925 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1955 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت تۈگەتكەن ھەمدە بىر ئۆمۈر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ مەسۇمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.