چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ تۇيۇقسىز زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تۇيۇقسىز زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 26 - ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان خۇپىيانە ھەم تۇيۇقسىز زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، "خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تىبەتتىكىدىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى،" دەپ خەۋەر بەردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتى ھەم "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىتالىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشماستىن خىتايغا قايتىپ كېتىشنى قارار قىلىشى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى بىكار قىلىشى قاتارلىقلار نۆۋەتتە خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ھەم دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق ئېغىر سىناق بولۇشى مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە خەلقئارا رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئېنگلىز تىلىدا چىقىدىغان "جۇڭگو گېزىتى"نىڭ 24 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە گۇمانلىق دەپ قارالغان 200 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سوت ئاچىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى رايونلار يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرىدۇ،" دېگەن خەۋىرىنى ھەم ئەتىسىلا خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" قارمىقىدىكى "يەر شارى ۋاقتى گېزىتى"دە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى خۇ خەنمىڭنىڭ بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ ھەپتە ئىچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىكى جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن سوت ئېچىشنى قارار قىلمىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكى بىر - بىرىگە زىت بولغان خەۋەرلەرنى بېرىش قىلمىشلىرى ھەققىدە توختالغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " نۇر گېزىتى" بايانات ئېلان قىلىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تۇيۇقسىز زىيارىتى ھەم بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا 2 كۈن يوشۇرۇپ خەۋەر قىلىنىشى، خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ سەزگۈر ھەم مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى دۆلەت باشلىقلىرى مىللىي مەسىلە ھەققىدە توختىلىشتىن باش تارتىپ، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاشلاپ بېرىپ، پەردە ئارقىسىغا ئۆتىۋالدى، بۇ خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئېلىپ قاچقانلىقىنىڭ ئىپادىسى،" دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىبەت مەسىلىسى بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە توختىلىپ، "تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەدە بۇ قەدەر زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش بولمىدى، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى توقۇنۇشتا ئىپادىلەنگەن مىللىي مەسىلە بىر قەدەر سەزگۈر، مىللىي زىددىيەتمۇ بىر قەدەر ئۆتكۈر، شۇڭا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' دىكى جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتىلغان سوتنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ھەققىدە بېرىلگەن بىر - بىرىگە زىت بولغان ئىككى خىل خەۋەر بۇنىڭ ئىپادىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئاخبارات ئورگانلىرىغا بەزى بوشلۇقلارنى قالدۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ خەلقئارادا مۇنازىرە قىلىنىشىنى خالىمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان مەخسۇس زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە بەلكىم يېڭىچە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنىلا بۇ جايدىكى ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش دەپ كۆرسەتكەنلىكىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خۇجىڭتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە خۇجىڭتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى سەپىرى سەۋەپلىك ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىدە ئانچە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىلا بولىدىكەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىديەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، دۆلەت ئىچكى مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.