ۋاشىنگتوندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن 12 ياشلىق مىرزات ئامانۇللا ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كورلىدا دىنى تەلىم ئېلىۋاتقان12ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى مىرزات ئامانۇللانىڭ 21 - ماي كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.06.01
mirzat-amanulla-namayish-305.png سۈرەتتە مىرزات ئامانۇللا ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA


رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىرزات ئالىم ئەسلى شايار بولۇپ، ئۇ كورلىدا ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان جايىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇلغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 12 ياشلىق مىرزات ئامانۇللا ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار. ئۇ 20 - ماي كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئۆيدىن باشقا بالىلار بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. كورلا ساقچىلىرى 21 - ماي ئۇنىڭ شايار ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، مىرزاتنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن مىرزاتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ېقىقى سەۋەبىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، جەمئىيەتكە «مىرزات ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان يېرىدە ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن گەپنى تارقاتقان.

ئىشەنچلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىسىنىڭ جەسىتىنى ئېلىش ئۈچۈن كورلا ساقچىخانىسىغا بارغان ڭ ئانىسى بالىسىنىڭ بەدىنىدە ئېغىر تاياق يارىسى سول قولتۇقىنىڭ ئاستىدا پاختا تىقىپ قويۇلغان تۆشۈكنى بايقىغان. شاياردىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە نازارىتى ئاستىدا ڭ جەسىتى 22 - ماي يەرلىككە مەجبۇرىي قويۇلغان، ئۇنىڭ قەبرىسى بېشىدا قۇرئان ئوقۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.

بۇ ۋەقە ەققىدە رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 - ماي مىرزات بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن يەنە بىر بالىنىڭ ئانىسى ساقچى دائىرىلىرىگە 20 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە تۆلەپ ئوغلىنى كېپىللىككە ئېلىپ چىققان. نۆۋەتتە شايار ساقچىلىرى مىرزاتنىڭ ئانىسى ەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، مىرزاتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ېقىقى سىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

مىرزاتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1 - ئىيۇن بالىلار بايرىمى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.