ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مىسىردا 30 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيەت سۈرگەن ھۈسنى مۇبارەكنىڭ سەلتەنەتىگە خاتىمە بەرگەن نامايىشچى خەلق يەنە بىر قېتىم تاھرىر مەيدانىغا يىغىلىپ، ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە تاپشۇرۇلۇشىنى، سايلامنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. سەيشەنبە كۈنى تاھرىر مەيدانىغا يىغىلغان ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەربىي كومېتىتنى ھۈسنى مۇبارەكتىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ بارماسلىق ۋە تەختتىن چۈشمەي ئولتۇرۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قارشى شۇئارلار توۋلىدى.
مىسىر بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ھۈسنى مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى، ھۈسنى مۇبارەك مەزگىلىدە مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن 76 ياشلىق گېنېرال مۇھەممەد ھۈسنى تانتاۋى باشچىلىقىدىكى ھەربىي كومېتتىت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقان ئىدى. پىلان بويىچە، مىسىردا كېلەر ھەپتە يەنى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان، كېلەر يىلى 7 - ئايدا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان. ئەمما ھەربىي كومىتىتنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھىسىدە مىسىر ئارمىيىسىنى ۋە ئارمىيىنىڭ مالىيىسىنى نازارەت قىلماسلىق ۋە شۇنداقلا پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىمۇ 2013 - يىلىغا سۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ قايتىدىن مەيدانلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىغا سەۋەب بولدى. نامايىشچى ئامما كېلەر ھەپتە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاكىمىيەتتىن ۋاز كېچىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى مىسىرنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. نامايىشچىلار دەرھال ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى ۋە كېلەر يىلى 4 - ئايدا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.
جۈمە كۈنى باشلانغان نامايىشلار پايتەخت قاھىرەدىن باشقا يەنە ئىسكەندەرىيە، سۇۋەيىش قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ يېيىلغان، نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1700 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ۋەقەلەردىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھەربىي كومىتېتنى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا مىسىردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى كېڭەش ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپىنى سۇندى. دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى بان كىمۇنمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىشلاردا ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي كومىتېتنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، ئاممىنىڭ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما ھەربىي كومىتېت دۈشەنبە كۈنى، نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنىڭ ئەكسىچە سايلاملارنىڭ ئەسلى پىلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ۋاقىتتا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىغۇچە، تاھرىر مەيداندىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى نامايىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى. سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى تاھرىر مەيدانىغا قايتا يىغىلىپ، نامايىش قىلدى. نامايىش جەريانىدىمۇ توقۇنۇش يۈز بەردى. ۋەقەنىڭ زورىيىپ كېتىشى بىلەن ھەربىي كومىتېت دەرھال ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنى يىغىپ، جىددىي يىغىن چاقىردى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن ئاخىرىدا تانتاۋى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا يىڭى« مىللىي قۇتۇلۇش» ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش، كېلەر يىلى 7 - ئايدا ئېلىپ بېرىلىشى پىلان قىلىنغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇ سۆزىدە، ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
تانتاۋىنىڭ بۇ باياناتى « ئىككىنچى ئىنقىلاب » دەپ ئاتىلىۋاتقان نامايىشلار نەتىجىسدە ھەربىي كومېتېتنىڭ كەينىگە چېكىنىشى دەپ خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تاھرىر مەيدانىدىكى نامايىشچىلار تانتاۋىنىڭ سۆزىدىن رازى بولمىغان. ئۇلار ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئويۇنىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ب ب س مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر تاھرىر مەيدانىدىكى نامايىشلار ھېلىھەم داۋام قىلۋاتقان بولۇپ، نامايىشقا قېتىلىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارغان. ئۇلار « بىز بۇ يەردىن كەتمەيمىز، تانتاۋى دەرھال كەتسۇن» دەپ شۇئار توۋلىغان.
ئەمما بۇ نامايىشلارغا مىسىردىكى ئەڭ تەشكىللىك سىياسى كۈچ ھېسابلىنىدىغان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىرلىكى» ئاۋاز قوشمىغان. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، كېلەر ھەپتىكى پارلامېنت سايلىمىدا « مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىرلىكى» قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغان « ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» پارتىيىسىنىڭ 40 پىرسەنت ئەتراپىدا ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتا كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، ئۇلار بۇ نامايىشنىڭ سايلامغا كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويۇشىنى خالىمايدىكەن. نۆۋەتتە كېلەر ھەپتىدىكى سايلامنىڭ قانداق بىر ۋەزىيەت ئاسىتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتنى قوزغىماقتا.