'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتاينىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي، ئاۋسترالىيە ھەمدە تەيۋەن كىنو فېستىۋاللىرىدا قويۇلۇشى بىلەن خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا زور تالاش ‏- تارتىش ھەم كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ، تېخى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمى يېقىندا youtube تورىغا قويۇلۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن زور ئىلھام بەخش ئەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىي ھەمدە پائالىيەتچىلەر بىلەن پىكىرلەشتۇق.

ئاۋستىرالىيىلىك فىلىم رېژىسسورى جېك دانىيال تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ ئىشلەنگەن مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ناملىق، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىنگلىز تىلىدا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن ھۆججەتلىك فىلىم، تۇنجى بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئاۋسترالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا كۆرسىتىلگەندىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، بىر قانچە دۆلەتلەردە كىنو فېستىۋال ھەمدە مەخسۇس پائالىيەتلەردە كۆرسىتىلىپ مەتبۇئاتلاردا زور غۇلغۇلا، تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماقتا، بولۇپمۇ يېقىندا يەنە، مەزكۇر فىلىمنىڭ youtube تور بېتىگە قويۇلۇشى مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان يەنىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ مەزكۇر فىلىم بىلەن تونۇشۇشىغا قولايلىق ياراتتى.

نۆۋەتتە مەزكۇر فىلىم ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا رېژىسسور رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈندىلىك ئائىلە، تۇرمۇش ھەم خىزمەت ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يىللارچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، رابىيە قادىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەگىشىپ كۆرۈنۈش ئالغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى راھىلە خانىم، مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ھەمدە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپىنى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چىنلىق، يەنى ئۆز ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چىن ھاياتى ئۆز ئائىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى چىنلىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئابدۇرېھىمجان ئەپەندى، مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىك تاماشىبىنلارغا ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن بېرىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى پائالىيەتلىرىدە ئىلگىرى بىر مەزگىل ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم، مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپنىڭ رابىيە قادىر خانىمدىكى ۋەتەن مۇھەببىتى ھەمدە ئۇنىڭ قەيسەرلىكى شۇنداقلا فىلىمدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تىز پۈكمەس ئۇيغۇر روھى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەر قايسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىۋاتقان پىكىر ھەم ئوبزورلىرىغا قارىساق، رابىيە قادىردىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئوبرازى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ھەق ‏- ھوقوقىنى قوغداش يولىدىكى تارتقان جەبرى ھەم پائالىيەتلىرى، مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمى ئارقىلىق دۇنيا سەھنىسىدە يەنىمۇ روشەنلەشتى، شۇنداقلا بۇ فىلىم ئارقىلىق دۇنيا تاماشىبىنلىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسى يەنىمۇ روشەنلەشتى دېگەندەك باھالار بېرىلمەكتە.