مۇراسىمغا، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپچۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئەزىز بابۇشجۇ، ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ رەئىسى فېرمان ئالتۇن ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئايالى گۈلەپەر خانىم ۋە ئوغلى فاتىخ، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىن كەلگەن ۋەكىللىرى ۋە بوسنىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، كوسۇۋا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ ساندا تەتقىقاتچى ئالىملار، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. مۇراسىم پۈتكۈل شېھىدلەر جۈملىدىن مەرھۇم مۇھسىن يازىجى ئوغلۇغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ 1 مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى بايرام قاراجان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپجۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئازىز بابۇشجى ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ مەرھۇم مۇھسىن يازىجى ئوغلۇ ھەققىدە سۆز قىلىش بىلەن بىرگە بۇ مۇراسىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى يالچىن توپجۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ، ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان جۇغراپىيىدىكى تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈش، تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىمىز، بۈگۈن بۇ مۇراسىمنى ئېچىش بىلەن باشلىنىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا، مەرھۇمنىڭ روھىي بىلەن بىللە، بۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك بۇ يەردىن ئاناتولىيە جۇغراپىيىسىگە تەدرىجى تارقايدۇ، مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ھاياتى بويىچە، پارلامېنتتا بولسۇن، خەلق ئارىسىدا بولسۇن ھېچ قاچان جېنىم دېمىدى بەلكى داۋاملىق جانانىم دېدى ئۇنىڭ جانانى مىللەت، دۆلەت ، ۋەتەن ئىدى."
رەئىس يالچىن توپچۇ، مەرھۇم يازىجىئوغلۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى مۇسۇلمان تۈرك دۇنياسىغا ئاتىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى ۋە پرىنسىپى بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر زامان ھەق - ئادالەتنىڭ، مىللەتنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، توغرا يولدا مېڭىشتىن ۋە تىك تۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىغا سابىق پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا يەنە ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ رەئىسى سەرمانى ئالتۇن، ئاخباراتچى سىبەل ئەرئاسلان، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدىن كەلگەن داۋۇت بايراقلى، ئەزەربەيجانغا ۋاكالىتەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور خانىم خېلىلوۋا، شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، مەرھۇم مۇھسىن يازىجى ئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى - خىزمەت پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.
مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى مەلۇم بىر شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ۋەقەدە ۋاپات بولغان ئىدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر نېمە ئۈچۈن تەكلىپ قىلىندى؟ مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق خىزمەت پائالىيەتلەر قىلغان؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.