ئۇ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7 كۈنى 2-قېتىملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئوقۇغان شېئىرى ۋە ئاجايىپ جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىش ئىقتىدارى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن. ھەتتا، تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «ئاخشام گېزىتى» ۋە «قۇياش گېزىتى» نىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىدىن ۋەھبى دىنچەر ۋە بۇرھان ئايىرى ئەپەندىلەرمۇ گېزىتكە يازغان ماقالىلىرىدە مۇجاھىت قەشقىرىنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيىسى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇغان ئىدى. مۇجاھىت قەشقىرىنىڭ 2-قېتىملىق مۇسابىقىدە كۆرسەتكەن ماھارىتىمۇ مۇسابىقىنىڭ باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرىدىن داڭلىق ناخشىچى ھۈليا ئاۋشار، داڭلىق پۇتبولچى سەرگەن يالچىن ۋە تالانت ئۆزىڭىزدە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئاجۇن ئىلىجالى ئەپەندىلەرنىڭ تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە شاللاندى.

4 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى مەيدىسىگە ئاي يۇلتۇز نەقىش قىلىنغان كۆك رەڭلىك ئۇيغۇر كۆينىكى ۋە ئۇيغۇر بادام دوپپىسى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. دادىسى مىركامىلجان گەرچە ئوغلى ئاچقۇچلۇق مۇسابىقىگە تاللىنالمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئاڭلاتقانلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى دېدى.
4 ياشلىق مۇجاھىت ھازىرغىچە چوڭ ھەجىملىك 5-6 شېئىرنى يادلاپ بولغان بولۇپ رادئىئومىزغا داڭلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇجاھىتقا بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن تېلېۋىزىيىگە چىقىشى ئۈچۈن تەكلىپلەر كەلمەكتە.
