خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ميۇنخېن شەھرىنىڭ مەركىزىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ باردى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.12.11
germaniye-insan-heqliri-namayishi-305.png سۈرەتتە گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ميۇنخىن شەھرىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش (2011 - يىلى 10 - دېكابىر)
RFA

نامايىشقا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

د ئۇ ق تەپتىشلىرىدىن نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە توختالدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ ئۆز قەلب ئىزھارىنى بايان قىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى كۆتۈرگەن، خىتاي زۇلۇمى تەسۋىرلەڭەن تۈرلۈك لوزۇنكىلار ھەم رەسىم تاختايلىرىنى مەيدانغا يايغان، تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرىنى تارقاتقان ھالدا، نامايىشلىرىنى سائەت 14:00 تىن 16:00 گىچە داۋام قىلدى.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش خەۋىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.