يېقىنقى 15 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ قېتىملاپ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. "5 - فېۋرال" ۋە "5 - ئىيۇل" ۋەقەلىرىدە ئىككى قېتىم قاتتىق باستۇرۇش داۋام قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مانا بۇ ھەرىكەتلەر داۋامىدا ناھەقچىلىكلەرگە چىدىمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ساقچىلار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسا، بەزىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ئۆز مىللىتىگە قارىتا ھېسداشلىقىنى يوشۇرالماي قالغان ئەھۋالدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ ۋەزىيەتنى دۇنياغا پاش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلەر ۋە ياكى بۇنداق قىلىشقا تەۋەككۈل قىلالىغانلارنىڭ سانى بەك ئاز. مانا بۇلاردىن بىرى، نىجات ئابدۇرېھىمدۇر.
نىجات ئابدۇرېھىم، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى شاھىت بولغان بىر قىسىم ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇ خەتەردىن قۇتۇلۇپ كەتكىنى يوق، ئەمما باسقان، قەدىمىگە پۇشايمان ئەمەس؛ ئەكسىچە، مىللىتىنىڭ دەردىنى ئازراق بولسىمۇ دۇنياغا پاش قىلىۋالغىنى ئۈچۈن مەمنۇن. ئۇ بۇ خىل پاش قىلىشلار كۆپەيگەنسېرى، خىتايغا خەلقئارا بېسىمنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھېچ بولمىغاندا، زۇلۇمغۇ ئۇچرىغۇچىلار سانىدا تۆۋەنلەش بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.
نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن كۈنى بەزى دوستلىرى ئۇنى "ئەخمەق" دەپ مازاق قىلغان. بېزىلەر ئۇنى ئىستېپاسىنى ياندۇرۇۋېلىشقا ئۈندىگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ ساقچىدىن چېكىنگەنلىك قارارىدىن مەمنۇن بولغان.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئوخشاش زور ۋەقەلەر، بەزى ئۇيغۇر ساقچىلارنى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن، يەنە بەزلەرنى ئورۇن ۋە مەرتىۋە جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەشكە قىزىقتۇرغان ۋە بۇ خىل ئىنتىلىشتىكىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.
بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا مەلۇمات بېرىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00