ليۇ شاۋبونىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ؟

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2008- كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ليۇشاۋبونىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.11
Nobel-Peace-Prize-Mukapat-Lyu-shawbo-2010-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2010‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ ﻟﻴﯘ ﺷﺎﯞﺑﻮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻣﯧﺪﺍﻟﻰ.
AFP Photo

بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما بۇ ھەقتىكى باھالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجابىي بولۇپ، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دۇنيادا تىنچلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى بولغانلىقتىن نوبىل كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقى ھەققىدە ئورتاقلاشقان.

ليۇشاۋبونىڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ خەلقئارادىكىگە ئوخشاش خىتاي ئىچىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان، ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ھەتتا بەزى تەبرىكلەش يىغىلىشى قىلغان كىشىلەرنى ۋە شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ليۇشاۋبونىڭ خىتايدىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى شەخس بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇشى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنى قاتتىق خۇشاللىققا چۆمدۈرگەن. بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان " بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ليۇشاۋبونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قىلىپ كەلگەن پائالىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئالدى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەم شۇنداقلا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۈزلۈكسز كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور بىر ئىلھام ئېلىپ كەلدى. سىز، خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن قوزغالغان ئىنكاسلار بولۇپمۇ خىتاي ئىچىدە قوزغالغان ئىنكاسلارغا قارىسىڭىزلا، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان قاتتىق ئىنكاسىمۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ناھايىتى دەل ۋاقتىدا بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى."

بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبو ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئايالى ئارقىلىق ئاڭلىغان. ئۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، كۆز يېشى قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى 4- ئىيۇل تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇپىڭ ئەپەندى ليۇشاۋبونىڭ بۇ ھەرىكىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۇنىڭ ئۆزى خىتاي تۈرمىسىدە شۇنداق ئېغىر جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ تارتىۋاتقان جاپا مۇشەققىتىنى ئويلىماي، ئالدى بىلەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنى ئويلىشى ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئۆزى ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدىمۇ ئېيتىپ كەلگەندەك، ئۇ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەقەدە ئۆلگەن سەپداشلىرىنىڭ ئالدىدا ۋىجدان ئازابى تارتىپ كەلگەن. ئۇ قانداق قىلغاندا مەن شۇلارغا يۈز كېلەلەيمەن، قاندا قىلغاندا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا لايىق بولالايمەن، دەپ ئويلاپ، ئۆز ۋىجدانىغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىگىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قايتۇرغان بىرىنچى ئىنكاسىمۇ مانا شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. مانا بۇنىڭ ئۆزى خىتايدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك."

خۇپىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ھازىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يالغۇز ليۇشاۋبو ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرگە سىمۋوللۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئالدى بىلەن تۈرمىلەردىكى پىكىر جىنايەتچىلىرىنى ئازاد قىلىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاي دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ياخشى بىر بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇشاۋبوغا مۇكاپات بېرىلىشتىن ئىلگىرىلا نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، بەزى بېسىملارنى ئىشلەتكەن ئىدى. نوبىل كومىتېتى مۇكاپات ھەققىدىكى قارارىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىنمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يەنە يانماي نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە نوبىل كومىتېتىغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ۋە ھەتتا نورۋېگىيە مىنسىتىرى بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئۇچرىشىشنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە قايتۇرغان بۇ خىل قاتتىق ئىنكاسلىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزگىچە كۆز قارىشى بار. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئالدى بىلەن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ئۆكتىچى ليۇشاۋبوغا بېرىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى باستۇرۇپ، ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يا سۈرگۈنگە، يا تۈرمىگە يوللاپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيەتتە ياخشى بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ئۇنى مۇنداق ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلىدى.

"بىرىنچىسى، ئىلگىرى خىتايدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەر، پۇقرالار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم - ئايرىم ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا پىكىر جەھەتتە ئىختىلاپلىرى ۋە كۈرەشلىرى بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئارقىلىق چوڭ دائىرىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مۇمكىن. گەرچە بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمىسمۇ، ئەمما جۇڭگودا بىر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى چىققاندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالدا چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىدىمۇ ئارتىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن."

"ئىككىنچىسى، خىتايدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغان 30 يىلدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بولغان تونۇشى ئىنتايىن يېتەرسىز بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا خەلقئاراغا ئېلىپ بارغان يالغان تەشۋىقاتى ۋە يالغان ۋەدىلىرى نەتىجىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىزدە نوپۇس جىق، بىز ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى ياخشىلاپ كىشىلەرنىڭ قوسىقىنى باقساق، ئاندىن دېموكراتىيىنى ئالدىرىماي ئەكىلىۋالىمىز" دېگەن گېپىگە ئىشەندى. شۇڭا ئۇلار خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرسەك، دېموكراتىيە ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ، دېگەن نەزىرىيىگە ئىشىنىپ شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلدى.

سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قىلچىلىك ئىچ ئاغرىتماي قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقۇچىلارمۇ خىتايغا كەلگەندە يۇمشاپ قالدى. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھاكىمىيتىىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا باي بولغانسېرى تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ، ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقنى باستۇردى. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىغا قارشى تۇرغىلى تۇردى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ مانا بۇنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىمۇ بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى زادى قانداق ھاكىمىيەت دەپ ئويلاشقا باشلىدى.

مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، بۇ مۇكاپات خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنيا خەلقىگە نامايەن قىلىپ بەردى. مانا بۇ نوقتىدىن ئالغاندا بۇ بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولالايدۇ. دۇنيا ئەمدى قايتىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.