ئۇيغۇر زىيالىلىرى: نۇربەكرى '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى' گە جاۋابكار بولۇشى كېرەك!

نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارالماقتا. ئۇنداقتا بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن قورچاق رەئىسى نۇربەكرىنىڭ قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بار ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-07-23
Share
Nur-bekri-Urumchi-Basturush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﯨﻨﯩﯔ 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﺎﯞﮔﯜﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.cctv.com

ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نۇربەكرى ھەققىدە، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر رەئىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئاپەتلىرىدىنمۇ ئېغىر بولدى دەپ قارالماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇردى غوجا ئەپەندى، ئۆز سۆزىدە نۇربەكرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ھەر قانداق بىر قورچاق رەئىسىنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇردى غوجا ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نۇربەكرىنىڭ 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سۆزلىگەن سۆزىدىكى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە 100 مىڭ ياش دېھقان ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ تېخى بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، نۇربەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماستىن، ياش ئۇيغۇر قىز، ئوغۇللىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەشنى قارار قىلىشى، نۇربەكرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنى خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇربەكرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياش ئوغۇل، قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىرىگە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۇچۇن ئىكەن.

نۇربەكرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يۆتكەش پىلانىغا قارىتا مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بۇ يىل 3 - ئايدا ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدە شۇنچە كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تۇرۇقلۇق، نۇربەكرىنىڭ بۇ ئىش ئورۇنلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەكسىچە ياش ئۇيغۇر قىز، يىگىتلىرىنى مەجبۇرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، تىل ئادىتىنى يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

نۇربەكرىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ئىزچىل ھالدا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ھەر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبىدىن ئىزدىمەستىن، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئىشنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى سەۋەبىدىن دەپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. تۇردى غوجا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى شەخسى قارىشىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇربەكرىنىڭ، مۇقىملىقنىلا تەكىتلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىلھام توختى ئەپەندى، ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاتالمىش مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

نۇربەكرىنىڭ بىر ئۇيغۇر تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلماسلىقى، ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇشتا باشلامچى بولۇشى قاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا لەنەتلىنىشىگىمۇ سەۋەب بولغان.

نۇربەكرىنى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىدا باش تارتىپ بولغىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى بولغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

نۇربەكرى 7 - ئاينىڭ 20 - كۇنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇندىن كېيىن چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدىن قۇسۇر تېپىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرەققىياتىدا بىر قولىدا ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان، بىر قولىدا مۇقىملىقنى يۈرگۈزىدىغان سىياسەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇربەكرىنىڭ بۇ سۆزىگە قارىتا، ئېلشات ئەپەندى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېغىزدىكى پەردازلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلەنگەن قورچاق رەئىسلەردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەڭگۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سادىق غالچىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت