ئوباما ھىندىستاننىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.11.09
2010.11.09

AFP Photo
ئوباما بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن ھىندونېزىيىدە كۆپرەك زىيارەتتە بولالامدۇ؟ بۇ، ھىندونېزىيىدە يانار تاغ پارتلاپ پەيدا بولغان خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغانلىقىغا باغلىق.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ھىندىستان ئاللىقاچان بىر قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ باش كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە دۇنيادا يېڭىچە رول ئويناشقا باشلىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. ھىندىستان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، مۇشۇنداق بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئوباما بۈگۈن ھىندىستان زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندا 'ھىندىستان ئاللىقاچان باش كۆتۈرۈپ چىقتى، ئامېرىكا ھازىر ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى كۈتمەكتە' دەپ دۇنياغا جاكارلىدى.
ئوباما ھىندىستانغا قارىتىلغان يۇقىرى تېخنىكا چەكلىمىسىنى بىكار قىلماقچى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوباما بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتىدە، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئوينىغان رولىغا ياخشى باھا بەردى. پاكىستاننىڭ ھىندىستانغا قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىغا خاپا بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان يۇقىرى تېخنىكا چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئوباما ھىندىستاندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھەققىدىمۇ توختالدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ھىندىستان زىيارىتىدە، خىتاي ھەققىدە سۆز قىلغاندا، پۇلنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىشىنى ۋە خەلقئارادا مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.خىتاي، ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن...
لوس ئانجىلىس تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىزچىل ھالدا ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي تۈنۈگۈن، تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شى لېي ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇشىنى پرىنسىپ جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ' بىز ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇپ كېرىش ئارزۇيىنى توغرا چۈشىنىمىز، ھىندىستان بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك' دەپ جاكارلىدى.ئىجازخاننىڭ قارىشىچە، ئوبامانىڭ ھىندىستاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي رولى يوق
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسەت پاكولتېتىنىڭ باشلىقى ئىجازخان ' گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، ئوبامانىڭ ھىندىستاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي رولى يوق، ئۇ ھىندىستان ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ' دەپ تەھلىل قىلدى.سىنخانىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى توسالايدىغاندەك ئەمەس
يېڭى دېھلى نېھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسەت مۇتەخەسسىسى سىنخانىڭ قارىشىچە، پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھازىر مۇقىم ئەمەس، تەبىئىي ئاپەت بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى قاتتىق زەخمىلەندۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان يىللاردىن بۇيان تېررورچىلارغا پاناھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالدى. ئەمما، خىتاي ھازىر يەنە پاكىستاننىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بار - يوقلۇقىغا قارىمايلا، پاكىستاننىڭ بەشىنچى چوڭ يادرو ئېلېكتىر رېئاكتورى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز، دەۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا ھازىر، ئامېرىكا خىتاينى توسالايدىغاندەك ئەمەس.خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنسىتىرى ھازىر كۆپ مىقداردا كىرىۋاتقان پۇل - مەبلەغنىڭ پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن
خىتاينىڭ 'يەر شارى ۋاقىت گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوبامانىڭ ئاسىيا زىيارىتى خىتاينىڭ ئەتراپىدىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇ ھىندىستان، ھىندونېزىيە زىيارىتىدىن كېيىن يەنە ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان 20 چوڭ سانائەت ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىكەن، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۈگۈن خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىسەن 'تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھازىر، كۆپ مىقداردا كىرىۋاتقان پۇل - مەبلەغ بىلەن پۇل پاخاللىقى پەيدا بولۇش خەۋپىگە يۈزلىنىۋاتقانلىقى'دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.ئوباما يانار تاغلارنىڭ قويۇق ئىس - تۈتەكلىرى يامراۋاتقان ھىندونېزىيىدە زىيارىتىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولدى
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بۈگۈن يېڭى دېھلىدىن جاكارتىغا كېلىپ، ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. ئوباما ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇشىلو بىلەن كۆرۈشتى، بۇ ئىككى پرېزىدېنت سودا، مائارىپ، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى تۆت يىلىنى 1960 - يىللىرىدا مۇشۇ بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن كۆرۈشىشنى ئارزۇ قىلاتتى، بۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ مەسچىتلەرگە كېلىشىنى كۈتەتتى. ئەمما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، 4 - نويابىردىن باشلاپ يانار تاغلارنىڭ قويۇق ئىس - تۈتەكلىرى يامراۋاتقان بۇ ئەلدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.