د ئۇ ق ئوبامانىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىل ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمەن، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.08.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Obama-dewri-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 44 ‏ - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﺍﻙ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن يەر شارى ئىقتىسادى، شىمالىي كورىيە، ۋە يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىقلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمەن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى بېيجىڭدىكى باش ئەلچىلىك تۇرالغۇسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ،ئوبامانىڭ 11 ‏ - ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

"لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ئەلچى جون خۇنتسمەن، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى مەركەزلىك "يەر شارى ئىقتىسادى، ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى شۇنداقلا شىمالىي كورىيە، ئىران، پاكىستان ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىگە مەركەزلىشدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن. جون خۇنتسمەن يەنە زىيارەت 11 ‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زىيارەتنىڭ كونكرېت كۈنىنى ئېلان قىلمىغان.

ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئىلىدە "گۇناھسىز ياشلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش"، ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان "ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئادالەتسىز سوتلاش" بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن "ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى قىلىش"نى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نەزىرىدە بولسا،ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىشتىكى بىر پۇرسەتتۇر.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 4 ‏ - ئايدا ئوبامانى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ يىل ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما بولسا خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمەن "ئامېرىكا - خىتاي مۇناسۋىتىگە بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر يېڭى بىر شەكىل بېرىش "نى تەكىتلىگەن.

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بارلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنىڭ سودا، ئىقتىسادى سىياسەت، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى، ھاۋا كىلمات ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلەمدۇ ؟ باش ئەلچى خۇنتسمەن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى دائىملىق بىر مەسىلە بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :مەن ھەر ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قائىدىلەشتۈرۈش، بىزنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرىمىز كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈش لازىم، دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ سۆھبەت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت بولماي، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان دائىملىق بىر سۆھبەت بولۇشى كېرەك". لېكىن جون خۇنتسەن، ئوبامانىڭ نويابىردىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

خىتتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقان نامايىشچىلار ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۇمدىكى تۇتقۇنلارنى سوتلاش خىزمىتىنىڭ پات يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، سوتلىنىدىغانلارنىڭ 200 دىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدا قانۇن بارلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن تۇتقۇنلارنىڭ ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار، ئوبامانىڭ زىيارىتى 11 ‏ - ئاينىڭ 14 ‏ - ۋە 15 ‏ - كۈنلىرى سىنگاپوردا ئېچىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا. ئەگەر ئۇنىڭ زىيارەت پىلانىدا تاسادىپى بىر ئۆزگىرىش بولمىسا، بۇ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاينى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.