ئوباما ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى قىسقىغىنە زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، 2009 - يىلى 4 - ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قاھىرە شەھىرىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، مىسىرنىڭ داڭلىق خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا ئاتىغان مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.06.04
Obama-Misir-Qahire-Sozde-305 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 - ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﻣﯩﺴﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﻫﯩﺮﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻧﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئومابانىڭ نۇتقى مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار ۋە بارچە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تېلېۋېزور قاناللىرىدا نەق مەيداندا بېرىلدى.

ئوباما نۇتقىنىڭ مەزمۇنى

ئوباما ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان نۇتۇقىنى يەتتە چوڭ مەسىلىگە ئىخچاملىغان بولۇپ، ئۇلار: تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى قوغداش، پەلەستىندە، ئىسرائىلىيە - پەلەستىندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ قەد كۆرۈرۈپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پروگراممىسىنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىن تاللاش ۋە دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىش ئەركىنلىكىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي ئۆزگىچىلىكلەرگە چەك قويماسلىق، دېموكراتىيىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەركىن ياشاش ھۆرىيىتىنى قوغداش، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ دىنىي قىياپەتلىرىگە ۋە بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكىگە چەك قويماسلىق، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ھەمدە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپسىلىي سۆزلەندى.

ئامېرىكا ئىسلامغا قارشى ئەمەس

ئوباما مۇنداق دېدى:" ئىلگىرى ئامېرىكا كونگرىسىدە بىر مۇسۇلمان ئەزا بولغان بولۇپ، ئۇ كىشى يېنىدا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نۇسخىسىنى ساقلىغان ئىكەن. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ نۇسخىسى ھازىرمۇ ئۇ كىشىنىڭ كىتابخانىسىدا ساقىلىپ كەلمەكتە. مەن ئىسلام دىنىنى ئىسلام ۋەھىيىسى چۈشكەن جايغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۈچ قىتئەدە ياخشى تونۇغان ئىدىم. مەندىكى بۇ مەلۇمات ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتى بىلەن تامامەن ماسلىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، ئىسلامنىڭ ھەقىقىي سۈرىتىنى بورمىلاپ كۆرسىتىدىغان خاھىشلارغا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنى مەدەنىيەتسىزلەر دەپ سۈپەتلەش وغرا بولمىغاندەك، ئامېرىكىنى ئىمپېراتورلۇق دەپ چۈشىنىشمۇ توغرا ئەمەس. مەلۇمكى، ئامېرىكا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق مەنبىئى سانىلىدۇ. مەن ئىمپېراتورلۇققا قارشى قانلىق قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈپ، دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە ھەممە باراۋەر بولىدىغان ئادالەتنى بەرپا قىلغان زېمىندە تۇغۇلدۇم. ئامېرىكا ىتتىپاقداش شىتاتلاردىن بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك بىر دۆلەت. ھەق - ھوقۇقتا ھەممە ئوخشاش. ھەتتا مەن باراك ھۈسەين ئوباما بۇ دۆلەتكە پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندىم. ئامېرىكىدا يەتتە مىليون مۇسۇلمان ياشايدۇ، ھەر بىر ۋىلايەتتە مەسچىتلەر تېپىلىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللار ۋە قىزلار مۇسۇلمانچە كىيىنىشتىن مەنئى قىلىنمايدۇ. ئىنسانلار قايسى دىن ۋە قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن، ئامېرىكىدا باراۋەر ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. ئامېرىكا مۇسۇلمانلارغا ياكى ئىسلامغا قارشى ئەمەس، لېكىن دىننى يامان غەرەز بىلەن قوللىنىدىغانلارغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ماۋزۇدا سىلەر بىلەن ھەممىمىز بىرمىز. رادېكاللىققا ۋە تېررورلۇققا ھەممە بىرلىكتە قارشى تۇرىشىمىز لازىم. پۈتۈن دىنلار رادېكاللىققا قارشى تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە:' كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگنە ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە ( قۇتقۇزسا) ، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى قۇتقۇزغاندەك بولىدۇ' دېيىلگەن. ھەقىقىي ئىسلام يىرىكلىككە ۋە رادېكاللىققا قارشى تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئادالەت ۋە تىنچلىقپەرۋەرلىكىنى ئۆتمۈشلەردە ئىسپانىيە ۋە قۇرتۇبىلەردە يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەلقائىدە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى. كېلىدىغان يىلنىڭ كىرىشى بىلەن گۈئەنتانامو تۈرمىسى تاقىلىدۇ.""

پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى

ئوباما يەنە مۇنداق دېدى:" ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان كۈچلۈك مۇناسىۋىتىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. بۇ ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاققا تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئىش. شۇنىمۇ ئونۇتماسلىق كېرەككى، يەھۇدىيلار ئۆتمۈشلەردە كۆپ قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بىر خەلق. پەلەستىنلەرمۇ ھازىر چېدىرلارغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تارتماقتا. پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇپ، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشى ئۈچۈن ھەممە بىرگە ئىشلىشىمىز لازىم. قۇدۇس شەھىرىنىڭ مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىلاردىن ئىبارەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈلۈك ياشايدىغان تىنچلىق زېمىنى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىمىز. پەلەستىن زېمىنى مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىن ھېسابلىنىدۇ. ئىسرا - مىراج قىسسىسىدە، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) لەرنىڭ ئىرۇسالىمدا بىرگە ناماز ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. رادېكاللىققا قارشى تۇرۇپ، ئۆز ‏ - ئارا بىر - بىرىگە كەڭچىلىك قىلىش بىلەن ئۆتۈش ھەقىقىي تىنچلىقنىڭ يولىدۇر. قۇرئان كەرىمدە:' ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ‏ - ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق' دېيىلگەن. تەۋراتتا:' ھەممىڭلار (تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۈشتىن ئىبارەت) بىر غايە ئۈچۈن بىرلىشىڭلار' دېيىلگەن. ئىنجىلدا:' يەر يۈزىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلگۈچىلەرگە مۇبارەك بولسۇن' دېيىلگەن."

دېموكراتىيە پۈتۈن خەلقنىڭ ھەققى

ئوباما سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:" دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، دېموكراتىينىڭ ئەندىزىسى بىردۇر. ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر بۇنى شۇنداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. بەزى كىشىلەر ھوقۇققا چىقىشتىن بۇرۇن دېموكراتىيىنى قوغدايدۇ. ئەمما ھوقۇققا چىققىنىدىن كېيىن، باشقىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى بارچە ۋەھشىلىك بىلەن دەپسەندە قىلماقچى بولىدۇ. بۇ دېموكراتىيىنىڭ روھىغا ئويغۇن ئەمەس. خەلقنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېيتىمەنكى، خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىڭلار، زورلۇق بىلەن ئىدارە قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ خالىشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولۇڭلار. ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش بەك مۇھىم مەسىلە. سىلەر ئومۇم خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە سىلەر مەنسۇپ بولغان پارتىيىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشۇڭلار لازىم. بۇنداق بولمايدىكەن، ھەقىقىي دېموكراتىيىنى تاپقىلى بولمايدۇ."


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.