ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى باراك ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى خىتايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابىي تەسىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.11.17
Obama-xitay-oqughuchilirigha-nutuq-sozlimekte-305.jpg 16 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘﺯﯦﻴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.
www.whitehouse.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ Lawrence Jackson ﻧﯩﯔ.

ئەمما ئوبامانىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ھاۋا كىلىماتى، ئىقتىسادىي كرىزىس، شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى توسۇش، سودا مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى ئىختىلاپ قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن ئوبامانىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلماقتا.

ئۇنداقتا ئوبامانىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قانداق باھا بېرىدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Nov 18, 2009 03:49 AM

ﯪﻣﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﯪﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﯬﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ .... ﯪﻣﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻡ ﯰﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﯩﻤﯘ ﺧﺎﻻﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ...