بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا يازغان خېتى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئاز بىر قىسمى نەتىجە قازىنالىغان بولسىمۇ، كۆپ قىسمى نەتىجە قازىنالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك جەۋر-جاپالارغا دۇچ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.14
Uyghur-erzdar-Tursun-Ghopur-Beijing-kowruk-astida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇلاردىن بەزىلىرى ئەرزدىن ۋاز كېچىپ يوقسۇزلۇق ۋە ھەقسىزلىققا باش ئېگىپ ياشاش يولىنى تاللىسا، يەنە بەزىلىرى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان خىتاي دۆلىتى ئۈستىدىن دۇنيا-جامائەتچىلىكىگە شىكايەت قىلماقتا. مانا بۇلاردىن بىرى، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئودانلىق يېزىسىدىن ياسىنجان سادىقتۇر. تارتىۋېلىنغان 26 مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ داۋاسىنى 14 يىلدىن بېرى ئاختۇرالماي كەلگەن ياسىنجان، يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا بىر پارچە خەت يازغان. ئۇ خېتىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ياسىنجان ئوباماغا يازغان خېتىدە، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئەرزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياسىنجان يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئودانلىق يېزىسىدىن، ئۇ 1996-يىلى ھەربىيلىككە قاتناشقان. 3 يىل ھەربىي سەپتە تۇرغاندىن كېيىن، 1996-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشانغان. ئۇنىڭ نوپۇسى يېزىدا بولغاچقا، ئۇنىڭغا خىزمەت بېرىلمىگەن. ئۇنىڭ خىتاي سەپداشلىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدا ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىدە خىزمەتچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشقان؛ ئەمما ياسىنجان كەنتنىڭ ئىشىك باقارلىقىغا مىڭبىر مۇشەققەتتە ئورۇنلاشقان؛ كەنت ئۇنى ئىشىك باقارلىققا ئورۇنلاشتۇرغاچقا ئۇنىڭ 26 مو تېرىلغۇ يېرىنى ئېلىۋالغان. بىر يىلدىن كېيىن كەنت ياسىنجاننىڭ ئىشىك باقارلىق خىزمىتى ئۈچۈن مائاش بېرەلمىگەن ۋە خىزمىتىدىن بوشاتقان؛ ئەمما ئۇنىڭ 26 مو تېرىلغۇ يېرىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. يېرى قولدىن كېتىش بىلەن ياشاش ئىمكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ياسىنجان ئەھۋالىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا شىكايەت قىلغان. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قۇرۇق ۋەدە، يالغان بايانلىرىدىن بىزار بولغان، ياسىنجان ئۈمىدىنى مەركىزى ھۆكۈمەتكە باغلاپ بېيجىڭغا سەپەر قىلغان. ئۇ دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئورمانچىلىق نازارىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئەرزىنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەققىدە يوليورۇق ۋە تەستىق خېتى ئېلىپ 2006-يىلى يۇرتى يەكەنگە قايتىپ بارغان. يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ قولىدىكى بارلىق قەغەزلەرنى يىغىپ ئەخلەتكە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن. ئۇ بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭغا 6-قېتىم كېلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يوليورۇقىنىڭ تۆۋەندە ئاقمىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنسىز ئەرز قىلدى دەپ قاماپ قويۇلغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان. بۇ قېتىم ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خادىم ۋە ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر ھالدا زەخىملەنگەن.

خەتتە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ياسىنجان خىتاينىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇ ئوباماغا يازغان خېتىدە خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەس، ساقچى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ قانۇن بىلەن ئەمەس، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ ، خىتايدا پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى دۇچ كەلگەن ھەقسىزلىقنىڭ بۇنىڭغا پەقەت بىر مىسال ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتكەن.

ياسىنجان يەنە ئۆزىنىڭ خىتايدا ياشاشتىن بىزار بولغانلىقىنى، خىتاي پۇقراسى بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر نامرات ۋە قالاق دۆلەتتە ياشاشقا رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ پۇقراسى بولۇشتىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ياسىنجان خېتىدە، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئۈلگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت تەنقىدكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ تەنقىدلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئامېرىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ياسىنجان خېتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: ياشىسۇن ئامېرىكا! ياشىسۇن ئامېرىكىدىكى قانۇن ۋە ئادالەت!

يۇقىرىدا ئەرزدار ياسىنجان سادىقنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا يازغان خېتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تونۇشتۇردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.