رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبچىسى ۋە باش جاۋابكارى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا رابىيە قادىر خانىمغا قارشى غايەت زور قارىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ كەلمەكتە، بىر - ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا رابىيە خانىمغا قارشى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركەزدىكى بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرىقى سەپسەتىلىرىگە بولغان قاراشلىرىنى ئىگىلىدىم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.