تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلانغان 17 - نۆۋەتلىك " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " دىن بۇيان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگىدەك تۈركىيە ھەققىدە پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.09.04

 گەرچە بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە 20 گە يېقىن دۆلەتنىڭ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ باش سەھىپىلىرى تۈرك ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ - كىچىك پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەر - كۆرۈنۈشلەر بىلەن تولغان. بۇ خەۋەر - كۆرۈنۈشلەردە، خىتاي بىلەن تۈركىيە، قانداقتۇر بىر ئېغىزدىن ئورتاق نەپەس ئېلىۋاتقان جان - جىگەر دوستلاردەك قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە، بولۇپمۇ بۇ خىل خەۋەر - كۆرۈنۈشلەرنىڭ، ئۇيغۇرچە تىل - يېزىقتىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپرەك يەر ئېلىشى، يەرلىك خەلقنىڭ كاللىسىدا تۈرلۈك گۇمانى قاراشلارنى ۋە قىسمەن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھاياتى قىممەتكە ئىگە بىر دۆلەت، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ۋە تۈرك خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي يۆلەنچۈكى دەپ قارىماقتا، يەنە كېلىپ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قانداش ۋە ئۇرۇقداش خەلق، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولسا ئۇيغۇر خەلقى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ باشتىن - ئاخىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

1860 - يىللاردا ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرغاندا، ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇل ئەزىزخاننىڭ سىياسى ۋە ھەربىي جەھەتتە قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1933 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىمۇ، بۇ خەۋەردىن ئەينى چاغدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كۆپ سۆيۈنگەن، تۈرك مەتبۇئاتلىرى، " شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىدىن تۈركىيىنىڭ ئاي - يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىغا سالام " دېگەندەك چوڭ ماۋزۇلار بىلەن شەرقتىكى قان قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ يېڭى جۇمھۇرىيەتنى تەنتەنە بىلەن تۈرك خەلقىغە تەقدىم قىلىپ تونۇشتۇرغان ئىدى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا بولسۇن، ياكى جۇمھۇرىيەتتىن كېيىن بولسۇن، تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن سابىق ئوفىتسېرلىرى ۋە مائارىپچىلىرى خالىسانە ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىلمىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى. يەنە كېلىپ تۈركىيە، 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، مەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايسى خىلدا ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان دوستلۇقى، ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىدا ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى ۋە ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.

بۈگۈن پەقەت تۈركىيىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى خىتايغا قارشى نامايىش قىلىپ چىققاندا، شۇ ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈرك قېرىنداشلارنىڭمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇرلار سېپىدىن يەر ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا بولغان قوللىشىنى ئوچۇق نامايەن قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولالايمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تۈركىيە، خىتاينىڭ " ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەر " دەپ ئاتالغان قارا تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ كەلدى، گومىنداڭ دەۋرىدىمۇ شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋە تۈركىيە خەلقىغە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن قاراپ كەلدى، ئىچكى ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىدا تۈركىيىنى، " ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق دۈشمەن كۈچ " دەپ تەكىتلەپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى بۇ جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى، دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنى، سودىگەر ۋە ساياھەتچىلىرىنى مۇمكىن بار شەرقىي تۈركىستانغا دارىتماسلىق تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.

بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن تۇرغۇت ئۆزال ۋە سۇلايمان دەمىرەللەر ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان، يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاكى 80 - يىللاردىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا كونسۇلخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويمىغان.

 ئەمما بۈگۈن تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىغىنىمىزدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مەسىلەن، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن " ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى " گە، تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى كۈرشات تۈزمەن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تۈرك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىمۇ بۇ قېتىمقى " ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسى " نىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، تۈرك شىركەتلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئورۇنمۇ يەرمەنكە زالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندا " تۈركىيە سودا - سانائەت رايونى " قۇرۇشنى قارار قىلغان. تۈركىيە، 11 يىلدىن بۇيان " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " گە قاتنىشىپ كەلمەكتە ۋە ھېچ بىر ۋاقىت ھازىرقىدەك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەشەم ۋە داغدۇغا بىلەن كۈتىۋېلىشىغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشىغا ئۇچراپ باقمىغان ئىدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ تۈركىيىگە قاراتقان سىياسىتىدىكى بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟ خىتاي تۈركىيىدىن نېمىنى كۈتمەكچى ؟ بەزى سىياسى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتا بۇيىچە ئىزاھلاشقا تىرىشماقتا: تۈركىيىنى " شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى " غا سۆرەپ كىرىپ، ئاتالمىش " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش " دېگەن نىقاپ ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى سىياسى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ قوللاشقا ئىگە قىلىش. مېنىڭچە بۇ خىل ئېھتىمال ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، خىتاينىڭ يەنە بىر مەقسىتى، تۈركىيە كەلگۈسىدە تەسىس قىلماقچى بولغان ۋە قىممىتى نەچچە 10 مىليارد دوللارغا بارىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يادرو كۈچى جەھەتتە دۇنيادىكى تەسىرى ۋە غەرب ئەللىرى بولغان رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، چۈنكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئاتوم ۋە يادرو كۈچىنى نامايەن قىلىش بولسا خىتاي ئۈچۈن زور سىياسى ۋە ھەربىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمما يەنە بەزى سىياسى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا خىتاي، تۈركىيىگە قارىتا دەرىجىدىن تاشقىرى يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، بولۇپمۇ ئەسلىدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بىۋاستە سىڭىپ كىرىپ كەڭ دائىرىدە ئىقتىسادى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىغە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى.

بۇ خىل قاراشنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بار، چۈنكى تۈركىيىنىڭ " ئۈرۈمچى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى " گە قاتنىشىشىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سانائەت ۋە سودا رايونى قۇرۇشىنىڭ يەرلىك خەلققە ھېچ بىر پايدىسى يوق، چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىمپورت - ئېكىسپورت ھوقۇقى پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ قولىدا، شۇڭا تۈرك شىركەتلىرىنىڭ ۋە سودىگەرلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى شېرىك ۋە خېرىدارلىرىمۇ ئەلۋەتتە خىتايلاردىن ئىبارەت.

يەنە كېلىپ خىتاي شىركەتلىرى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ تۈركلەرگە ساتىدىغان مېلى بۇ رايوننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا تۈرك شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ يەرلىكلەرنى تالان - تاراج قىلىش ۋە سۈمۈرۈش سىياسىتىگە بىلىپ - بىلمەي شېرىك بولغان بولىدۇ، بۇ ھال تەبىئىي ھالدا ئۆزلىرى بىلەن قان ‏ - قېرىنداش بولغان تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۈمىدسىزلىك، ھەتتا نارازىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ھېسسىيات جەھەتتە بىر - بىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن ۋە بۇ جەھەتتە ئانچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بىر ئامىلدىن ئىبارەت !    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.