" 11 - سېنتەبىر " ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

2001 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن " 11 - سېنتەبىر " تېررور ۋەقەسىدىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى، " ئەل - قائىدە بىلەن باغلىنىشى بار تېررورىستىك ھەرىكەت " دەپ قارىلاپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ 7 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەل - قائىدە، ئوساما - بىن لادىن ياكى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھېچبىر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلىگىنى يوق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر كۈرەشچىلەر ھەققىدىكى سەپسەتىلىرى، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ مازاق قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى

خىتاينىڭ بۇ كونا مۇقامىدىن بىزار بولغان غەرب مەتبۇئاتلىرى ھازىر بۇ سەپسەتىنى مازاق قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. مەسىلەن، " گېرمانىيە دولقۇنلىرى " رادىئوسىنىڭ بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىسىدە، كۇچادىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن ئاساسلىق قورالىنىڭ، ئۆيدە تاماق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىچىك گاز تۇڭىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، " ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىگىنىدەك، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەل - قائىدەنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا بىنلادىن بۇنىڭدىن ئانچە خۇش بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەل - قائىدەنىڭ باياناتلىرىدا ھېچبىر ۋاقىت شىنجاڭ ۋە خىتاي تىلغا ئېلىنىپ باققان ئەمەس ! " دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

دېمەك، بۇ يەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقۇرقى ئەيىبلەشلىرى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مازاق قىلىنغان ئىدى.

ئەل - قائىدەنىڭ قورالى كەتمەن - گۈرجەك ياكى پالتا - پىچاق ئەمەس

چۈنكى ئەل - قائىدە تېررور تەشكىلاتىنىڭ، زور ئىقتىسادى كۈچكە، يۇقىرى ھەربىي تېخنىكىغا ۋە زامانىۋىي قورال - ياراق ۋە پارتىلىتىش ئۈسكۈنلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم.

" 11 - سېنتەبىر " ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ ئەل - قائىدە تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ۋەقە پەيدا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولدى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋەقەلەردە قوللانغان پارتىلىتىش ئۈسكۈنىلىرى بولسا يۇقىرى تېخنىكىغا ۋە شىددەتلىك كۈچكە ئىگە ئەڭ زامانىۋى بومبىلار ئىدى.

ئەگەر راستىنلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قارىلاپ كەلگىنىدەك، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ ئەل - قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان بولسا ئىدى، خۇددى " گېرمانىيە دولقۇنلىرى " رادىئوسىدىكى مۇلاھىزىدە كىنايە قىلىنغىنىدەك، ئوساما بىنلادىنمۇ ھەرگىز " ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى " نىڭ ھازىرقىدەك كەكە - پىچاق ۋە تاماق پىشۇرىدىغان گاز تۇڭىنى قورال قىلىپ، ئەل - قائىدەنىڭ " ئىناۋىتى " گە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويمىغان بولاتتى.

ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرىنىڭ قورالى، پەقەتلا مىللىي ئىرادە ۋە جاسارەتتىن ئىبارەت

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچىمۇ، قەشقەردە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىشلەتكەن قورالى ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بومبا ۋە خەنجەر - پىچاق ئىدى.

پەيزىۋات ناھىيىسىدە خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش جەڭچىلىرىنىڭ قوللانغان قورالى پەقەتلا پىچاق ۋە خەنجەر ئىدى.

2007 - يىلى 1 - ئايدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئاقتۇنىڭ كوسراپ يېزىسى تەۋەسىدىكى تاغلىق رايوندا قېچىپ يۈرگەن 18 نەپەر ئۇيغۇر سىياسى قاچقۇننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، يەنە 17 نەپىرىنى قولغا ئالغان ئىدى، ئەينى چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى بۇلارغا، " ئافغانىستاندا ئەل - قائىدە تەشكىلاتىدىن ھەربىي تەلىم ئېلىپ چېگرىدىن يوشۇرۇنۇپ كىرگەن شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدىن ئىبارەت " دېگەن قالپاقنى كەيدۈرگەن، كېيىن، بۇلارنىڭ پەقەتلا بىر - ئىككىسىدە تاپانچا بارلىقى، قالغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قورالسىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇلارنىڭ ئەل - قائىدە تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر ھېچبىر دەلىل - ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

ھازىر قارايدىغان بولساق، بۇندىن 18 يىل بۇرۇن، يەنى، 1990 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن " بارىن ئىنقىلابى " جەريانىدا، زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش جەڭچىلىرىنىڭ خىتاي ساقچى - ئەسكەرلىرىگە قارشى ئىشلەتكەن قورالى بىلەن، تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن قەشقەر، كۇچا ۋە پەيزىۋاتلاردىكى توقۇنۇشلاردا مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش جەڭچىلىرىنىڭ ئىشلەتكەن قورالى ئوتتۇرىسىدا ھېچبىر پەرقنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

چۈنكى ئەينى چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى بارىنلىق دېھقانلارنىڭ كەتمەن - گۈرجەك، كالتەك - توخماق، چەيدو - پىچاق ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئاز ساندىكى ئىپتىدائىي گىراناتلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى " ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كۆرگەزمىخانىسى " غا توشۇپ كېلىپ، " بارىنلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قورال - ياراقلىرى " دەپ ھەپتىلەپ، ئايلاپ سازايى قىلغان ئىدى، بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا پەيزىۋاتلىق دېھقانلارنىڭ يېنىغا ئېسىپ يۈرۈدىغان پىچىقى، " ئەل - قائىدەدىن ياردەم ئالغان شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ جىنايەت قوراللىرى،" دەپ سازايى قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي، " 11 - سېنتەبىر " ۋەقەسى ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشتى ؟

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ " 11 - سېنتەبىر " ۋەقەسىدىن كېيىن ئېرىشكەن ئەڭ زور نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، 2002 - يىلى 8 - ئايدا، ھەسەن مەخسۇم رەھبەرلىكىدىكى " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى " تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن، " تېررورچى تەشكىلاتلار " تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ۋە ئافغانىستاندا تۇتۇلغان 20 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، " تېررورچى " دېگەن نام بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامىلىشى ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى، " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى " دەپ بىلىپ، خۇشاللىقىدا خۇدىنى يوقاتتى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى دۇنياغا ئارقا - ئارقىدىن " تېررورچى تەشكىلات " ۋە " تېررورچى " دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە تۈپتىن قارىلاشقا ئۇرۇندى.

ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ قارارى، پەقەتلا خىتاينىڭ ئېغىزىغا سېلىنغان قۇرۇق سوسكىدىن ئىبارەت

ئەمما، خۇددى چەتئەللىك بەزى سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلغىنىدەك، " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى " تەشكىلاتى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قارار، خىتاينىڭ ئىرانغا قارىتا ئاتوم ۋە يادرو تېخنىكىسى جەھەتتە ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىراققا قارىتىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتتە خىتاينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئېغىزىغا ۋاقىتلىق سېلىپ قويۇلغان قۇرۇق ئىمىزگىدىن ئىبارەت ئىدى.

2006 - يىلى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، چەتئەللىك سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋنىڭ بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان، " بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ئەل - قائىدە بىلەن ئالاقىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان تېررورچى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، شۇڭا بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك " دېگەن سۆزىگە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى " بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى " دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئەل - قائىدە بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھېچبىر ئوخشاشلىق تەرىپى يوق

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى، ئوساما بىنلادىن ۋە ئۇنىڭ ئەل - قائىدە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى، " ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس " دەپ جاكارلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ئەل - قائىدە تەشكىلاتى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

خۇددى چەتئەللىك بەزى سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئانالىز قىلغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ غايىسى، مەقسىتى ۋە تۈپ پرىنسىپلىرى بىلەن، ئەل - قائىدەنىڭ غايە، مەقسەت ۋە پرىنسىپلىرى ئوتتۇرىسىدا قىلچە ئوخشاشلىق يوق بولۇپ، ھەتتا بىر - بىرىگە تامامەن زىت كېلىدۇ.

ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا دىنىي مەزھەپ جەھەتتىمۇ چوڭ پەرق بار بولۇپ، ئەل - قائىدەچىلەر ۋاھابىزىمنى تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلىدۇ.

ئەل - قائىدە تەشكىلاتىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى بولسا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت بولۇپ، غەرب تۈسىنى ئالغان دېموكراتىيە، قانۇن دۆلىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىدىن نەپرەت قىلىدۇ؛ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مۇھىتتا پىكىر - ئېقىم ياكى ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتە بولسۇن، غەربكە ئائىت ھېچبىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايدۇ ۋە بۇلارنى تازىلاپ چىقىرىشنى نىشان قىلىدۇ؛ ئەل - قائىدە، ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولمىغان ھەر قانداق چۈشەنچىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە بىر خىللا ئىدېئولوگىيىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدىكى مۇستەبىت، دىكتاتور ۋە مۇستەبىت تۈزۈم ھەم سېستىمىنى ياقلايدۇ، شۇنداقلا جېنىنىڭ بېرىچە بۇ سېستىمىسىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.

بۇ جەھەتتە ئەل - قائىدەنىڭ ئىدېئولوگىيىسى، كۇبا، شىمالىي كورىيە ۋە خىتاي قاتارلىق كوممۇنىستىك ئەللەرنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە بەكلا ئوخشاپ كېتىدۇ.