ئەر كىشىنىڭ ۋەتەن، جەمئىيەت، مىللەت، ئائىلە ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى نېمە؟ ھايۋان جېنىدا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى، ئۆزىنىڭ توپىنى قوغدايدۇ، ئۇيغۇرنىڭ بەزى ئاتالمىش ئەركەكلىرىچۇ ؟ قارىغاندا، ھايۋاننىڭمۇ مەسئۇلىيەت ئېڭى بار ئىكەن، ئادەمنىڭ، ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نېمىسى بار ؟
مەزلۇمە ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: "ئاياللارنىڭ خورلىنىشى ۋە بالىلارغا ئىگە بولماسلىق... ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشىدەك پاجىئەلەرگە كىملەر جاۋابكار؟! ئەجىبا بۇ كرىزىستا ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمىدۇ ؟ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دەپ كىممۇ مەيدە كىرىپ چىقالايدۇ؟! - رىتورىك سوراقتىن كېيىن ئاپتۇر سۆزىنى يەنە مۇنداق باشلايدۇ، - ئەر رازى، خۇدا رازى... قەدىمقى زامانلاردا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، يۇرتنى ياۋۇزلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ، ئائىلىنى قوغداشتەك چوڭ ئىشلارنى ئەرلەر زىممىسىگە ئالغاچقا...بوۋاقلىرى ئوغۇل تۇغۇلغان ئائىلىلەر ئالەمچە ئۈمىد بىلەن چەكسىز شادلىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشقان."
ئاپتۇر ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: " بۈگۈن بەزى ئەرلىرىمىز ئىچىدە بىخۇتلۇق ئاۋۇپ كەتتى... ئاجىز- مەزلۇمە ھېسابلانغان ئاياللارغا مەسئۇل بولۇش، ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ بالىلىرىغا ئىگە بولۇشتەك مۇقەددەس بۇرچ تۇيغۇسى بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدە سۇسلۇشۇپ كەتكەچكە...بىر تۈركۈم بولۇمسىز، ھۇرۇن، شاللاق، ھەسەتخور، تەخسىكەش، خۇشامەتچى، بېلى بوش، ئىرادىسىز ئەرلەر پەيدا بولۇپ، ھەقىقىي ئەرلەرنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزمەكتە...ئۇلار ھەتتا ئائىلىگە، جەمئىيەتكە يۈك بولماقتا... جەدۋەلگە ئىمزا قويغاندا ئائىلە باشلىقى، قىمار سورۇنلىرىدا پۇلنى بۇزۇپ - چېچىۋاتقان بايۋەتچىلەرگە نېمە دېگۈلۈك ؟ ئايرىم خانىلاردا بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئولتۇرۇشقان ئەرلىرىمىز...ئاياللىرىنى يادىغا ئالامدىغاندۇ ؟ بىر دەملىك شەھۋانىي نەپىسى ئۈچۈن قىزى دېمەتلىك "گۈزەللەر" گە ساقال تاشلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا ' قىزلىرىم قايسى يولدىدۇر، ئوغۇللىرىم قايسى ئوۋدىدۇر' دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ دەرت-ھەسرەتنى يەتكۈچە تارتقان تۇل ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ئىلاجسىزلىق ياشلىرى، قايسى ئەرنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ، ھېسداشلىقىنى قوزغاپ باقتىكىن؟ "
ئاپتۇر مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: " يېتىملىك كوچىسىدا تېنەپ-تەمتىرەپ بويۇن قىسقان نارىسىدىلەرنى ھامىلىققا ئالىدىغان دادىلار قېنى؟ ئەنە شۇ قىزلار، تۇل ئاياللار، ئەرلەرنىڭ قىرىندىشى، ئانىسى ئەمەسمىدى ؟ ئاياللارنىڭ خورلىنىشى، تاشلىۋېتىلىشى ۋە بالىلىرىغا ئىگە بولماسلىق سەۋەبىدىن گۇناھسىز يېتىملەرنىڭ كۆپىيىشى...پاجىئەلەرگە كىم جاۋابكار؟...دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ ئائىلىدىن ئىبارەت ۋەتەننىڭ ياتلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئەيىبنى يەنىلا تۇزاقتىكى ئاياللارغا ئارتىشقا مەجبۇر بولىمىز...ئەرلەر ئائىلىنى تاشلاپ يامانلاپ چىقماقتا. بۇنىڭغا قارىتا ئاياللار گاڭگىراش، تېڭىرقاشتىن باشقا چارە تاپالمايۋاتىدۇ."
ئاپتۇر ماقالىسىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: " بىلىڭلاركى، ئاياللار بۈگۈنى كىيىپ ئەتىسى سېلىپ تاشلايدىغان كىيىم ئەمەس. باققۇسى كەلمىسە بازارغا ئېلىپ بېرىپ سىېتىۋېتىدىغان ھايۋانمۇ ئەمەس...ئۇ سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىز، ھەمراھىڭىز، دىلكىشىڭىز، ھالال جۈپتىڭىز. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ئەخلاقتا چىرىكلىشىش، ئىچىملىك، چېكىملىككە ئۆزىنى ئۇرۇش، بالىلارغا ئىگە بولماسلىق، ئاياللارنى خارلاش، ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق، قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ يولدىن چىقىشى، ئاياللارنىڭ ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇماسلىقى، ئاياللىق نازاكىتىنى يوقىتىشىدەك پاجىئەلەر ئەرلەر ئۈچۈن نومۇس ئەمەسمۇ ؟"
كۈرەشچان ئەپەندى نومۇس دېگەن نېمە، پىشانىنى سىلاپ بېقىش دېگەن نېمە؟ دەپ سوئال قويدى ئۇيغۇر مەزلۇمە. بۇ سوئالدىن كۈرەشچاننىڭ پىشانىسى ئىللىق تەرلىدىمۇ ياكى سوغاق تەرلىدىمۇ؟ ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى ۋەتەن، ۋەتەن سېتىش ئىپپەتنى سېتىشقا باراۋەر دەپ يازغان ئىدى بىر شائىر. ئۇيغۇرىستاندا زېمىنۇ - تۇپراق سىلكىنمەكتە ! نېمىشقا ؟!
ئەركەكمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئەركەك بولالمىغان ئەركەكلەرنىڭ، زېمىننىڭ ئۈستىگە دەسسەپ يۈرگەنلىكىدىن سىلكىنمەكتە. ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىرى ئېتىلىپ چىقتى - يۇ، لېكىن يالغۇز بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرىستاننىڭ قىزلىرى، ئائىلىلىرى، ئاياللىرى ساڭا مۇھتاج ئۇيغۇر ئەركەكلىرى! سەن ئويلىنىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى، سەن باش قاتۇرىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى، سەن خالتا كوچىدىن قايتىپ چىقىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى. ھېسابسىز جاھان بولمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەركەكلىرى!