بۇنىڭدىن بۇرۇن دالاي لاما، "ئەھمىيەتلىك ئۆزىنى - ئۆزى باشقۇرۇشقا ئىزدىنىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دالاي لامانى ئەيىبلەپ: "تىبەت مۇستەقىللىقىنى مەخپىي يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ،" دېگەن ئىدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلار كاتىپى كوندىلىزا رايىس خانىم29 - كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز تىبەت خەلقى، 7 - قېتىملىق سۆھبەتنىڭ رەسمىي سۆھبەت بەلكى مەسىلە ھەل قىلىدىغان سۆھبەت بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىگىلىك ھوقۇق يەنى تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن جۇڭگولۇقلارغا ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە سوئال قويۇپ باقايلىچۇ؟ سىلەر نېمىگە ئاساسلىنىپ تىبەتكە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزىسىلەر ۋە نېمىگە ئاساسلىنىپ تىبەتكە مىللى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى تەكىتلەيسىلەر؟ تىبەت ئەزەلدىن تىبەت خەلقىنىڭ ۋەتىنى، زېمىنى، تىبەت نېمىگە ئاساسلىنىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ قاپتۇ ۋە تىبەت نېمىگە ئاساسلىنىپ جۇڭگونىڭ زېمىنى بولۇپ قالىدىكەن؟ بەلكى ئالدىراپ - تېنەپ 'قانۇنغا ئاساسلىنىپ' دەپ جاۋاب بېرىشىڭلار مۇمكىن. ئۇ نېمە قانۇن، قانداق قانۇن ۋە كىم تۈزگەن قانۇن ئىكەن ئۇ؟
ئاز كەم 50 يىل ئۆتتى. دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى خەلقئارا سەپتە توختىماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت توغرىسىدا رەسمىي سۆھبەتلىشىدىغان پۇرسەتنى ياراتتى. تىبەت خەلقىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىقى، بىر نوپۇزغا بەيئەت قىلىپ نوپۇز تىكلىشى، نوپۇزنى ھىمايە قىلىشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، دالاي لامانى ھۆرمەت قىلىشى ياكى قايسى بىر تىبەتلىكنىڭ ئاقساقاللىق قىلمىغانلىقى ياكى قايسى بىر تىبەتلىكنىڭ دالاي لامانىڭ ئالدىغا چىقىپ ئالمىغانلىقى تىبەت خەلقىنى بۈگۈنكى غەلىبە كۈنلىرىگە ئېلىپ كەلدى.
ئەگەر بىر مىللەت مۇستەملىكە بولۇپ قالىدىكەن، ئەگەر بۇ مىللەت ئازاتلىق ئۈچۈن تۈنجى قەدەمنى تۇغۇشلۇق تاشلايمەن دەيدىكەن، ئىتتىپاقلىشىپ نوپۇز تىكلەش، بايانات قىلىش ھوقۇقىنى شۇ بىر نوپۇزغا تەقدىم قىلىش ۋە بۇ نوپۇزنى چۆرىدىگەن ھالدا، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى تىبەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. تىبەت خەلقى ۋەتەن ئىچىدە دالاي لامانى قوللىدى، دالاي لاما ۋەتەن سىرتىدا سىياسى پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ تىبەت خەلقى ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئۇلۇغۋار غايىلارنى بىرلىككە كەلتۈردى. سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز تىبەت خەلقى.
دالاي لاما ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلدى. بۇ ئىش دالاي لامانىڭ تاللاپ ئالغان يولىدۇر. شۇنداق بولغاندا دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى ۋە دىپلوماتىيە - تاشقى مۇناسىۋەتلەر ھوقۇقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولغان ئاساستا، بۇ قېتىمقى سۆھبەت نەتىجە قازىنىدىغانلا بولسا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت،مائارىپ، ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك تاموجنا ھوقۇقى، قوراللىق ساقچىلارنى تەشكىللەش ھوقۇقى، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ھوقۇقلۇق ئورگانلارنى تىبەتلەشتۈرۈش ھوقۇقى، كۆچمەنلەرنى چېكىندۈرۈش ياكى كۆچمەن قوبۇل قىلىش ھوقۇقى، مىللى پارلامېنت تەشكىللەش ھوقۇقى، مەمۇرى ئەمەلدارلارنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ھوقۇقى، مىللى پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان قارشى تەرەپنىڭ سىياسى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە قوبۇل قىلغان ئاساستا تۈزۈلگەن قانۇنلار بۇيىچە مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن شەكىللىرى قانداق تۈزۈلىدۇ؟
بۇ خىل تەرەققىياتلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىرى خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سىياسى سۆھبىتىگە، "پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نىڭ روھى بۇيىچە كۆزىتىش بىلەن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ سىياسى ئاكتىپلىرى سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز تىبەت خەلقى دېيىشمەكتە.