" ئىناقلىق سەپىرى" مۇ ياكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانىمۇ ؟

2008‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش "ئىناقلىق سەپىرى" نامىدا ئاتالمىش "مۇقەددەس مەشئەل" كۆتۈرۈپ مېڭىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا ئىشىك - دېرىزىلەرنى تاقىۋېتىشكە، قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا تالا - تۈزگە چىقماسلىققا بۇيرۇق قىلىندى.

شۇ كۈنلەرنىڭ ھارپىسىدا پۈتۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا، ئاختۇرۇش، تىنتىش، گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىش، گۇمانلىقلارنى قايتا تىزىملاش، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ساقچىلار ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا يوپۇرغا ناھىيىسى خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىگە ئېلىندى.

ۋاڭ لېچىۋەن ئەپەندى "ئىناقلىق سەپىرى" شۇنداق بولاتتىمۇ؟ بىرلا قەشقەر شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، مەشئەل كۆتۈرۈشكە تەشكىللەنگەن 208 نەپەر ئادەم ئىچىدە،130 نەپىرى كۆچمەن خىتاي بولۇپ، 80 نەپىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ چىقتى. ۋاڭلىئېچىۋەن ئەپەندى، تەڭلىك، باراۋەرلىك، "چوڭ ياخشى ۋەزىيەت"، "ئىناقلىق"، "ئىتتىپاقلىق"، دېگەن كەلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى شۇنداق بولاتتىمۇ؟ بۇ زېمىن سىنىڭ ئاتىشىڭچە ئاتالمىش "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" ئەمەسمىدى؟ بۇ قېتىم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ۋاڭ لېچىۋەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە، قەشقەرگە كېلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا، ئاتالمىش 47 مىللەت ياشايدۇ، دەيدىغان سەپسەتىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ چىقىپ، تەشۋىق - تەرغىب قىلىۋالماقچى بولدى.

ۋاڭلىئېچىۋەن ئەپەندى، خىتاي كۆچمەنلىرى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئەپكەشمۇ بىر مىللەت سانىلىدىغان ئىش بارمۇ؟ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ تام كەينىگە ئولتۇرۇپ قۇيۇپ كەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان نىجاسەتلىرىمۇ بىر مىللەت سانىلىدىغان قائىدە چىققانمىدى؟ ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ قىرىنداشلىرىدىن باشقا قەيەردىن كۆچۈپ كەلگەن 40نەچچە مىللەت ئۇ؟

مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۆتىدىغان يوللاردا تۇرۇپ كەتكەن كۆچمەن خىتايلارغا قارا دۇنيا! ئۈرۈمچىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارا دۇنيا! ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىنى كىيىۋېلىپ، ئۇيغۇر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مەشئەل تەنتەنىسى قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىياپىتىگە قارا دۇنيا! بۇ يەردە مەشئەل كۆتۈرۈشنى تەشكىللىگەنلەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىدۇر.

ئولىمپىك تارىخىدا"سەلتەنەتلىك ئۈلگە"ياراتقان بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمى، راست دېگەندەك، دۇنيا خەلقىنىڭ ئەمەلىي قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىدە لەنەت گەردى ئولىمپىك مۇراسىمى بولۇپ قالدى. خىتاي ئولىمپىك مۇراسىمى ھارپىسىدا تىبەتتە قانلىق قىرغىنچىلىق پەيدا قىلدى. ئۇيغۇرنىڭ خوتەن شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە نامايىش قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالدى. ئولىمپىك مۇراسىمى مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە ئىدى. ئەمما تىبەتلەر مەشئەلگە قارشى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ قېنىنى تۆكتى. بىراق بىزنىڭ رەنا خېنىم مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئوينايدىغان يېڭىلىقنى، رېكورتنى ياراتتى.

قولىدا مەشئەل كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۇسۇل ئويناپ، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ، رەنا خېنىم بۇ مەشئەلنىڭ خىتاينىڭ مەشئىلى ئىكەنلىكىنى ئويلىغانمىدۇ؟ شۇ تاپتا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ جاي - جايلىرىدا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت - ئازاپلىرى رەنا خېنىمنىڭ كۆڭلىدىن كەچكەنمىدۇ؟ ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئاز قاتناشتۇرۇلدى، خىتاي كۆچمەنلىرى نېمىشقا كۆپ قاتناشتۇرۇلدى دېگەن سوئال رەنا خېنىمنىڭ يۈرىكىنى ئازابلىغانمىدۇ؟