توۋا دەيمەن قۇتادغۇ بىلىكنى، تۈركىي تىللار دىۋانىنى بىزدىن نۇرغۇن مىللەتلەر تالىشىدۇ، سىنى نېمىشقا تالاشمايدۇ، خەپ سەندىنمۇ قۇتۇلارمىز". خوش ماڭقۇرت ئەپەندى. 12 مۇقامنى باشقا مىللەتلەر نېمىشقا تالاشمايدۇ؟ ئاددى ئېيتقاندا 12مۇقامنى باشقا مىللەتلەرگە ئۆگىتىپ قويساڭمۇ توۋلىيالمايدۇ. 12 مۇقامنى توۋلايمەن دەپ گاچا بولۇپ قالىدۇ. باشقا مىللەتلەر شۇڭا تالاشمايدۇ. 12مۇقام دۇنيادا يەككە - يىگانە بىر مىللەتنىڭ، يەككە - يىگانە بىر خىل مىللىي روھنىڭ مۇزىكىلىق .
بۇنداق روھنى دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا ھەر قانداق مىللەتتىن ئىزدەپ تاپالمايسەن بايقۇش. 12 مۇقامدىن بىزار بولۇپ بېشىڭ قېتىپ كەتتىمۇ؟ كۆڭلۈڭنىڭ مەيلى خېنەن باڭزىغا تارتىپ قالدىمۇ؟ روھىڭدىكى ئاتالمىش جەسۇرلۇقنى نېمە غاجاپ تۈگەتتى. سىنىڭ روھىڭدا قانداق جەسۇرلۇق بار ئىدى؟سانائەت مىللىتى، ئىلىم - پەن مىللىتى بۇلۇشقا يول قويمىغان كىم؟خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىمۇ ياكى 12مۇقاممۇ، ماڭقۇرت؟ زادى قايسى؟12 مۇقام جەسۇرلۇققا تولغان دەۋىرلەرنىڭ ھاسىلاتى ئىدى. ئىشەنمىسەڭ ناۋا مۇقامىنى ئاڭلاپ باق. چۈشەنسەك ئىدىڭ، بۇ مۇقامنىڭ چاقىرىق كۈچىگە ئىشەنسەڭ ئىدىڭ، ماڭقۇرتلۇقتىن ئۆزگىرىپ ئادەم بولاتتىڭ ماڭقۇرت! سەن قانداق دەۋردە ياشاۋاتىسەن؟ ئەخلاق گۇمران بولغان جەمئىيەت ياۋايىلىق بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا بارلىق جەمئىيەت ھادىسىلىرى گۇمران بولىدۇ. سەن ياشاۋاتقان جەمئىيەت قانچە ياۋايىلاشقانسىرى بۇنداق جەمئىيەتتە بارلىق سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى - سالاپەتلىك بولۇش، كەسكىن بولۇش ۋەزىپىسى كۈن تەرتىپكە قويۇلىدۇ. سەنئەتنىڭ بارلىق تۈرلىرى پەقەت، پەقەتلا چاقىرىق كۈچى تەييارلايدۇ، خالاس. سىنىڭ سەنئەتچىلىرىڭ جۈملىدىن سىنىڭ شائىرلىرىڭ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەنمۇ؟
2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى "دىيارىم" تور بېتىگە چاپلانغان "سىېغىنىشىم سىز ئۈچۈن"، دېيىلگەن ناخشا تېمىسىغا قاراپ باق. بۇ ناخشا سىنىڭ ۋە ناخشا توۋلىغۇچىنىڭ جەسۇرلۇقنى تارتىپ ئالامدۇ ياكى سىنى، ناخشا توۋلىغۇچىنى خېنەن باڭزىنى ئۈگۈنۈشكە يېتەكلەمدۇ؟ ناخشا توۋلىغۇچى تۇرسۇن شەيىخ دېگەن كىشى "بايانات ۋە جاكار" دەپ ناخشا يازغاندا " ئۆزىڭىزنىڭ ھەر خىل لاۋزا، تېتىقسىز، چاقىرىق شۇئارلىرىڭىز" دېگەن جۈملىنى ئىشلەتتى. ئويغانغان ھەر بىر ئۇيغۇر تېخى ئويغانمىغان ماڭقۇرت ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلسا بولمامدىكەن؟ جەڭگىۋار چاقىرىق 9 يىلدىن بىرى ئىچكىرى خىتايدا ئۇيغۇرنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋاڭلوبىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ تەخەيدەك ھاڭراپ توۋلاپ خىتايلارنى ئالداپ يۈرگەن بۇ كىشىگە سوغاق كېلىپ قالدىمۇ؟ شۇ سەۋەبلىك سوغاق ئەڭگىزى ئېشىپ كېتىپ ئازا - مۇزا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ؟
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرنىڭ مىللى روھىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى باشلىۋەتكەندە، ۋاڭلوبىڭ دېگەن خىتاينى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇيغۇرنىڭ ناخشا - مۇزىكا سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ۋاڭلوبىڭ خۇددى تەخەيدەك ھاڭراپ غەربى - شىمال ئەل - نەغمىلىرىنىڭ ئاتىسى بۇلىۋالغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تىلىدا ناخشا توۋلايدىغان تۇرسۇن شەيخ ۋە ئەسقەر خۇيلاڭ دەيدىغان ۋاڭلوبىڭنىڭ شاگىرتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. شالغۇتلاشقان بۇ كىشىلەر، ئۇيغۇرنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى شالغۇتلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئۇيغۇرنىڭ مىللى روھىنى شالغۇتلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، ھەتتا ئۆزىنىڭ جىسمانىي - تەن قۇرۇلىشىنىمۇ شالغۇتلاشتۇردى. ئىشەنمىسەڭ تۇرسۇن شەيخنىڭ ناخشا توۋلاۋاتقان قىياپىتىگە قاراپ باق! بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ ناخشا - مۇزىكا مەدىنىيەت ئەنئەنىسىگە ھاقارەت قىلدى. "12مۇقام بىزنىڭ جەسۇرلىقىمىزنى غاجاپ تۈگەتتى" دېگەن كىشى دىققەت! ئەسقەر خۇيلاڭ، تۇرسۇن شەيخ دېگەن كىشىلەرنىڭ سىنىڭ نېمەڭنى يۇقاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆردۈڭمۇ؟
كەچۈرۈڭلار مىنىڭ ۋەتەنداشلىرىم! خىتاي تىلىدىن ئىككى بوغۇملۇق بىر ئىسىمنى ئارىيەت ئېلىشقا رۇخسەت قىلىڭلار. خىتاي تىلىدا تاڭشى دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا، شېكەر سۇيۇقلۇقى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەسقەر خۇيلاڭ، تۇرسۇن شەيخلەر توۋلاۋاتقان ئاتالمىش ناخشىلارغا زەڭ سالغىنىمىزدا ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە بۇ ناخشىلار خۇددى بوتولكىدىن پىيالىغا سوزۇلۇپ تۆكۈلگەن شېكەر سۇيۇقلىقىغا ئوخشايدۇ. بۈگۈن تۇرسۇن تاڭشى ۋە ئەسقەر تاڭشى دېگەن كىشىلەر خۇددى ۋەتەن ئىچىدە تەنقىت قىلغۇچىلار كۆرسەتكەندەك، ئۇيغۇرنىڭ مىللى روھىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىگە ماسلىشىپ، ۋاڭلوبىڭغا ۋارىس بولۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ناخشا - مۇزىكا مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنى ھاقارەت قىلماقتا، 12 مۇقامنى ھاقارەت قىلماقتا. شالغۇتلاشقان بۇ تىپلىق ماڭقۇرۇتلار ئالا - تاغىل توۋلاپ سەھنىگە چىقىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى، بىغەملىكى كىشىلەرنى چۇڭقۇر ئويغا سالمامدۇ؟