شىنخۇئاشېنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى؛ قانۇنسىز تەشكىلات ئەزالىرىدىن 66 نەپەر كىشى قولغا ئىلىندى، بۇ كىشىلەر تېررورچى تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئىمىش، خىتاي ھۆكۈمىتى 41 يەردە غازات ئۇرۇشى قىلغۇچىلارنىڭ بازىسىنى بىت - چىت قىلغان ئىمىش. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق خاھىشىغا ئىگە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى باستۇردى، دېدى دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى يەنە بىر خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانات قىلىشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خەلقئارا تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسلامىي تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.
خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلىشنى باشلىۋەتتى.ھېچقانداق پاكىت يوق. ئۇيغۇرلار ياكى بىر خىتاينىڭ بۇرنىنى قاناتمىدى، قولغا ئېلىنغان، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلار تاملارغا ياكى ئولىمپىككە قارشى شۇئار چاپلىمىدى. قولغا ئېلىنغان، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلار قەيەردە تەربىيىلەش بازىسى قۇرغان ئىدى؟ مۇبادا ئۇيغۇرلار قايسى بىر يەردە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بازىسى قۇرغان بولسا، مۇبادا ئۇيغۇرلار خىتايغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتالىغان بولسا ھەي، خىتاينىڭ تىجىمەل كۆچمەنلىرى سېنىڭ شىنجاڭ دېگەن يەردە ياكى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا بىر كۈن تۇرالىشىڭ مۇمكىنمىدى؟ ئۇيغۇرلار قايسى خەلقئارا تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى؟ ئۇيغۇرىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى قايسى تېررورچى تەشكىلاتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى؟
ھېچقانداق پاكىت يوق. ياكى ۋەتەن ئىچىگە، ياكى ۋەتەن سىرتىغا خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەر قانداق پاكىتنى تاپشۇرالمىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنى قانداق جىنايەتكە ئاساسلىنىپ قولغا ئالدى؟ خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى قانداق جىنايەتكە ئاساسلىنىپ يۇقىرىقى گۇناھسىز كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرەلىدى؟ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق گۇناھسىز بىچارە ئۇيغۇرلار پەقەت خىتاينىڭ مەقسەتلىك ئۆلتۈرۈش سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى خالاس. يالغانچىلىق 72 ئەۋلادىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ يالغانچىلىقى بۈگۈن خەلقىئالەمگە سىر ئەمەس، بەلكى ئاشكارە بولۇپ بولدى.
ئەگەر خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى يالغان تاپالمىغاندا بىر جۈملە راست سۆزلەشنى خالايدىغان بولسا، 2001 - يىلى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش پارتلىغان كۈندىن باشلاپ غەربنىڭ ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى، شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمىدى بەلكى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى دېگەن بولسا توغرا سۆزلىگەن بولاتتى. شۇڭا گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى دېيىشى كېرەك ئىدى.
مۇبادا خىتاي ھۆكۈمىتى يالغاننى تاپالمىغاندا راست سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدىغان بولسا، ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيمەكچى بولغان خىتاي كېڭەيمىچىلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىگە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەھدىت پەيدا قىلدى، شۇڭا يوق جىنايەتنى ئارتىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا باشلىدۇق دېگەن بولسا، خىتاي ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئاشكارىلىغان بولاتتى. ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەتلىك خىتايمىدى، بۇ؟ ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەسىر دائىر ئايرىۋېلىش سىياسىتىگە قارشى ۋە غەرب ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىشىگە قارشى قۇرساق ئۇرۇشى قىلىش ۋە بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى دىپلوماتىك 3 بۇرجەك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن ئارقىمىزدىن خەنجەر ئۇرۇش ئېھتىمالى بار بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش خىتايلارغا زۆرۈر بولۇپ قالدى دېگەن بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى راست سۆزلىگەن بولاتتى.
بۈگۈن غەرب دۇنياسى جۇڭگو - بۇ دۆلەتنى ئەخلەت چىقىرىپ ساتىدىغان ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلاندۇردى.غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاغزىمۇ ماي، قولىمۇ ماي بولۇپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك كەڭ قۇرساقلىق سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك كۈتۈش سىياسىتىدىن پايدىلانغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلىشقا باشلىدى. غەرب ئارمىيىسى قەيەرگە يېتىپ كەلسە دېموكراتىيە شۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ، دېگەن گەپلەر بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەپسانىگە ئايلىنىپ، ئەپسانە، غەرب ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كەلسە ئۇيغۇرلارغا بالايى - ئاپەت يېتىپ كېلىدۇ، دەيدىغان يېڭى ھىكايەتكە ئورۇن بەردى.