راستىنلا خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت تۇتاشتىمۇ ؟

2008‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 10‏ - كۈنى ئەركىنلىك ئاۋازى تور بېتىدە "خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت كەتتى"، ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئاپتور يەن چىڭچېن ماقالىنى مۇنداق باشلىدى: 3 ‏ - ئاينىڭ 12‏ - كۈنى لخاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، 6‏ - ئاينىڭ 28‏ - كۈنى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋېڭئەن ناھىيىسىدە ئۇرۇش،چېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

0:00 / 0:00

گۈيجۇ، تىبەت، شىنجاڭ ئۆلكىلىرىگە ئىشەنگەن كىشىلىرىنى ھۆكۈمرانلىققا تەيىنلەپ، خۇ جىنتاۋ بۇ ئۆلكىلەرنى تۇۋاقلاپ ھىم ياپتىم دەپ، خاتىرجەم بولغان. بۇ ئۆلكىلەردە ئوت ياندى، قارىغاندا خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت تۇتاشتى. كىشىلەر مەسىلىلەرگە شۇنداق باھا بېرىشكە ھوقۇقلۇق دەپ داۋاملاشتۇرۇپ يەن چىئېڭچېن ئەپەندى: قارىماققا ئايرىم ھادىسىلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقەلەر بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ۋەقەلەردۇر. ئاۋۋالقىسى خىتاي كوممۇنىستلىرى بەلگىلىگەن مىللىي سىياسەتنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولسا، كېيىنكىسى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ھۆكۈمرانلىق ئىكەنلىكىنىڭ قانۇن ئاساسلىرى كەمچىل بولۇپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ تەدرىجى ئويغىنىشى، بۇ مەسىلىلەرنى بارغانسېرى تونۇپ يېتىشى، بۇ مەسىلىلەرگە بارغانسېرى ئېتىبار بىلەن قارىشى ۋە پۇقرالار بۇ ئىشلاردىن گۇمانلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي كوممۇنىستلىرى مىللەت ۋە خەلق تۇرمۇشى دېگەن بۇ كارتىنى ئويناپ چىقتى.

يەن چېڭچېن ئەپەندى ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئەسلىدە مىللىي مەسىلىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئاساسى جەھەتتىن ھەل قىلىپ بولغان، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرى مىللەت، مىللىي مەسىلە كارتىسىنى ئوينىغاندا، پۇقرالارنىڭ ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ، ھە دېگەندە تىبەت مۇستەقىللىقى، شىنجاڭ مۇستەقىللىقى، ئىچكى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىقى، تەيۋەن مۇستەقىللىقى

قاتارلىق قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ،، خەلقنىڭ ھېسياتى بىلەن ئوينىشىپ. خەلق ئىرادىسىنى كونترول قىلىپ، رېئال زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇپ، پۇقرالارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى،دەپ كۆرسەتتى.

خەلق تۇرمۇشى كوممۇنىستلار ئوينايدىغان يەنە بىر كوزىر بولۇپ قالدى. دېموكراتىيىدىن سۆز ئاچماي، ھىيلىگەرلىك بىلەن قاڭقىپ چىقىپ، "پۇقرالار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ"، دېگەن گەپنى تەكرارلاپ، ئادەم ئالدايدىغان شۇئارغا ئايلاندۇرۇپ پۇقرالارنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئەمما پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرىنى بولسا بۆشۈكىدىلا بوغۇپ تاشلىدى. كۆپچىلىك قاراپ بېقىڭلار، ھازىر جۇڭگولۇقلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ؟ بۈگۈن ۋېڭئەن ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، كىم بىلىدۇ ئەتە ۋىنئەن ۋەقەسى، گۇئاڭئەن ۋەقەسى، ياكى ۋۇئەن ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟مىللىي مەسىلىگە كەلسەك يەنىلا ئوخشاش. ئەگەر كوممۇنىستلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېرىدىكەن، لخاسا ۋەقەسى چىققاندەك كىم بىلىدۇ، باۋتۇ ۋەقەسى ياكى قۇمۇل ۋەقەسى ياكى بەئىسې ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ شۇڭا مەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئوت كەتتى دېيەلەيمەن. ئەتراپقا ئوت تۇتىشىپ كەتسە تەرەپ - تەرەپتىن ئىس - تۈتەك چىقىپ كەتسە،ئاسمانغا چىقاي، دېسە ئاسمان يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسە يەر قاتتىق، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاخىرقى چەككە يىتىپ كەلدى، ئەگەر يارنىڭ لېۋىدىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتمايدىكەن، خۇ جىنتاۋنىڭ تەقدىرى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ بىلگىلى بولمايدىغان تەقدىر بولۇپ قالدى، - دەيدۇ، يەن چېڭچېن ئەپەندى.

بىراق، يەن چېڭ چېن ئەپەندى گومىنداڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغان ئىدى، دېگەن جۈملىنى تۈزگەندە، تارىخ بەتلىرىنىڭ بۇنداق جۈملىلەرنى باغرىغا ئالمايدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن. ئەپەندىم ! ئەسلى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن مىللەتلىرىدىن ئېيتقاندا مىللىي مەسىلە دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

دالاي لاما 2005‏ - يىلى 11‏ - ئاينىڭ 13‏ - كۈنى ۋاشىنگتوندا 10 مىڭ كىشىلىك يىغىندا دوكلات بەرگەندە، قۇيۇلغان سوئالغا قىسقىچە قىلىپ، تىبەت مەسىلىسى 3‏ - ئىنتېرناتسىئونال پەيدا قىلغان مەسىلە ئىدى دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنداق ئەپەندىم، تارىخ ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كەلگەن بۇ مەسىلىلەرنى 1943‏ - يىلى ۋىلادىۋوستوكتا مەخپىي ئىشخانا قۇرغان 3‏ - ئىنتېرناتسىئونال پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ئىدى. شۇنداق، تىبەت ۋە ئۇيغۇرىستان مەسىلىلىرىنى 3‏ - ئىنتېرناتسىئونال پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ئىدى. تېخى بۇ مەسىلىلەر ھازىرغىچە ئاشكارىلىنىپ خەلقئارا سەھنىگە چىقمىدى. ھامان بىر كۈنى ئوتتۇرىغا چىقماي قالمايدۇ. چۈنكى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مىللىي مەسىلە دىپلوماتىك مەسىلە بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ كەلگەن. بۇ مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلگەندە، سىزمۇ ماقالىنى باشقىچە يازىسىز، مەنمۇھەم ماقالىنى باشقىچە يازىمەن ئەپەندىم.