ساقچىلار توغرا ئىشىكتىن چىقالمايدىغان، كەينى ئىشىكىدىن تىكىۋېتىدىغان بولدى

" يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيىسى" 2008 ‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى "ياڭجىيا پالۋاننىڭ ئەكس سادالىرى،ساقچىلار ئارقا ئىشىكتىن تىكىۋىتىدىغان بولدى" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئاڭلاتتى. بېيجىڭلىق ياش يىگىت ياڭجىيا پالۋاننىڭ، شاڭخەي يابىي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا، 7‏ - ئىيۇل شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بىراق تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى قېتىغا ئېلىپ قويغان بىر كىشى چىقمىدى.

0:00 / 0:00

مۇخبىر مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسان ئۆلۈمدىن قورقمىغاندا، ئىنساننى يەنە ئۆلۈم بىلەن قورقۇتۇش مۇمكىنمۇ؟ياڭجىيا پالۋان نۆۋەتتە لىياڭشەن باتۇرىغا ئايلاندى. خىتاي پۇقرالىرى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىشقا باشلىدى.ئىئانە توپلاپ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. مۇخبىر 3‏ - دەرىجىلىك ساقچى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى شاڭ مىڭدﯤ ئەپەندىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ كىشى مۇنداق ئاشكارىلىدى: ھەر قايسى جايلاردا ساقچىلار بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى.

قورقۇپ كەتكەن ساقچىلار ھەتتا تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن جىنايەتچىلەرنى قوغدىغۇچى قىلىپ ياللاپ ئېلىشتى. ساقچىلار ساقچى فورمىسى كىيىپ كوچىغا چىقالمايدىغان، كوچىغا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئارقا ئىشىكتىن تىكىۋىتىدىغان بولدى. ئوھوي! ئەھۋال شۇ دەرىجىگە يەتكەن بولسا، پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنىڭ پۇلات قورغىنى شۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟ ئاجايىپ ئىشقۇ - بۇ؟ ئەسلىدە خەلقنى قوغدايدۇ - دەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان خىتاي ساقچىلىرى ئەمدى بۈگۈن نېمىشقا ئۆزىنى قوغدايدىغان بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟

ياڭجىيا پالۋاننىڭ بىر پىچاق بىلەن شاڭخەيدە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشى 6 نەپەر ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ 4 نەپەر ساقچىنى يارىدار قىلىشى كوممۇنىست ساقچىلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. مۇخبىر مۇنداق كۆرسەتتى: لېكىن خىتاي پۇقرالىرى ياڭجىيا پالۋانغا ھەشقاللا ئېيتىپ، ياڭجىيا پالۋاننىڭ 1‏ - قەۋەتتىن 9‏ - قەۋەتكە، 9‏ - قەۋەتتىن 21‏ - قەۋەتكە چىقىپ ساقچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خىتاي پۇقرالىرى 1921‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلغان كۈنگە توغرىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن ساقچىنىڭ 6 نەپەر،يارىلاندۇرۇلغان ساقچىنىڭ 4 نەپەر بولۇشىنى، تارىخى ھەرىكەت 4‏ - ئىيۇنغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، خىتاي پۇقرالىرى ئىنتايىن سىرلىق ھىكمەتلەرگە تولغان جامائەت پىكرى تەييارلىدى.

جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن ساقچىنى 6 نەپەر، يارىدار بولغان ساقچىنى 5 نەپەر دەپ دوكلات قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

تىلېۋىزىيە مۇخبىرى مۇنداق كۆرسەتتى:1999‏ - يىلى جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن،خىتاينىڭ ساقچى مىنىستىرلىقى 610‏ - نومۇرلۇق ئىشخانا قۇرۇپ

ئىنسان تەبىئىتىنى زور كۆلەمدە يوقىتىش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن. تەپتىش، ئەدىلىيە مۇستەقىل ئورگان بولالمايلا قالماستىن ھەتتا ئەدىلىيە ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش فونكىسسىيىسىنىمۇ يوقىتىپ، پارتىيىنىڭ سۆزىنىلا ئاڭلاپ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى خۇسۇسنىڭ ئائىلىۋى قانۇنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى، ساقچىلارنىڭ جۇڭگودا باندىتقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.

تىلېۋىزىيە مۇخبىرى مۇنداق كۆرسەتتى: بىر دۆلەتنىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسى ئۆز خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالدى. خەلققە بېسىم ئىشلىتىۋەرسەڭ خەلق ھامان قوزغۇلۇپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.

ياڭجىيا پالۋاننىڭ شاڭخەيدە ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈشىدىن چۆچۈپ كەتكەن ۋاڭ لېچۈەن، قورقۇپ ئاۋۋال مۇش كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە 8‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، باندىت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى.10 نەپەر ساقچىنىڭ شاڭخەيدە بىر نەپەر ياڭجىيا پالۋانغا تاقابىل تۇرالمىغانلىقى كىشىلەرنى كۈلكىگە قىستايدۇ. "ھالىڭ شۇمىدى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى" دېيىشكە مەجبۇر بولىمىز.

مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. گۇناھسىز ئۇيغۇر گۆدەكلەرنى دىنىي تەبلىخ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ قىرغىن قىلدى. قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇرلارغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى. قولىدا قورالى يوق بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ساقچىلارنىڭ قانچىلىك ھەيۋىسى بولسۇن؟ ۋاڭ لېچۈەن جانابلىرى ھەربىي قورال - ياراق ئادەمنى پەرقلەندۈرمەيدۇ، مىللەتنى پەرقلەندۈرمەيدۇ، كىمنىڭ قولىغا چىقسا ئېتىلىۋېرىدۇ. بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ۋاقىت بەلگىلەپ قويىدۇ، تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدىغان ئىشلارنى نېمىشقا قورال كوچىغا تايىنىپ ھەل قىلىمىز؟ ۋاڭ لېچۈەن يەنىلا ئوق بىلەن جاۋاب قايتۇردى. مەن پەقەت بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس ۋاڭ لېچۈەن، بۇ مەينەت مەندە دەيمەن، خالاس.