چۈشەندۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر تەرەپ شۇكى، بۇ دوستلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەدرىجى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئىدى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئەقلى كام، مەيدانى مۇستەھكەم مىللەتچىلەر ھېسابلىناتتى، - خۇ شاۋجياڭ داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى، - يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ سەزگۈلىرى چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەندى. ئۇلارنىڭ سەزگۈلىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش،بېيجىڭدا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ سەزگۈلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە نەشردىن چىققان بېيجىڭدىكى گېزىتلەرگە قارايدىغان بولساق بايقايمىزكى، مەركىزى كومىتېتنىڭ سىياسەت بەلگىلەش قاتلىمىدا، ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلغان يىغىنلاردا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى. قارىغاندا بېيجىڭنىڭ كرىزىس تۇيغۇسى ھەقىقەتەن ئېغىرلىشىپ كەتتى.
دۇرۇس، جۇڭگودا پاي - چېكىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى، يىمەك - ئىچمەك، نېفىتنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى. خىزمەت، تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەندىشىلىرى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىمۇ ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ۋېڭئەن ۋەقەسى، شاڭخەي يابى ساقچىخانا ۋەقەسى، خۇنەن جاڭجاجىئې مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەرنى جۇڭگو پۇقرالىرى 3 قېتىم يەرگە قول تىرەپ تۇرۇش دەپ تەسۋىرلىدى.
شۇڭا بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى جىددىيلىشىپ كەتتى.
خۇ شاۋجياڭ ئەپەندى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان ئوخشىمامدۇ ؟ 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ب ب س خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق خەۋەر قىلدى:مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ مۇئاۋىن سېكرېتارلىققا تەيىنلەنگەن خىتاي خۇئاڭ سەنپىڭ شاڭگاڭ" ئادالەت گېزىتى "مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: قەشقەردە ئازاتلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىملار تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. شىنجاڭ يەنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 3خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىدىغان ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ قالدى. قەشقەر بولسا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ قالدى دەپ كۆرسەتتى.
دېمىسىمۇ، ئەگەر بىر ئۆلكە ياكى بىر دۆلەتتە ئۇرۇش بولۇۋاتقان ئىكەن، شۇ ئۆلكە، شۇ دۆلەتلەرگە قوشنا بولغان ئىككىنچى بىر ئۆلكە ياكى دۆلەت ياكى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ ياكى ئۇرۇش مەيدانىغا نىسبەتەن بۇ دۆلەت ياكى ئۆلكە ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 2001 - يىلى 10 - ئايدا غەربنىڭ ئارمىيىسى تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئافغانىستانغا كىرىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئەندىشىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ياكى تىنچلىق ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ناتونىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرىستانغا قوشنا بىر ئۆلكىسى ئافغانىستانغا يىتىپ كەلگەن كۈندىن باشلاپ، مۇستەملىكىچى خىتاي بەگلىرىنىڭ كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان ئەمەسمىدى؟ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا كېم كېپىل بولالايدۇ، - بۇ دۇنيادا! مەسىلەن، ئەينى چاغدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ فىرىلخاربېرغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگودا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىگە ئاساس تەييارلاپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ دۇنيانىڭ غايىباتلىرى كۈچىنى كۆرسەتكەندە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
بىراق، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ناتو جۇڭگوغا تەھدىت سالدى، ناتو جۇڭگو چېگرىسىغا قىستاپ كەلدى، دېيەلمەيدۇ، - دە! نېمە دېسە ئىچىدە دەيدۇ، - دە! ئەمما ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقامىغا، دېگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەقەلىرىدە خىتايغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خىتايلار ئۇرۇپ تۇرىدىغان تۇقامغا ئايلىنىپ قالدى.
خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلالايدىغان بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. خۇ شىئاۋجياڭ ئەپەندى بېيجىڭدا سىياسەت بەلگىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سەزگۈلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى تازا چۈشەنمىگەن ئوخشايدۇ. ئۆي ئىچىدە قاچا - قۇچا چېقىلغان ھامان، قوشنىلار ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرگەندەك، مۇبادا سەددىچىننىڭ ئىچىدە قاچا - قۇچا چېقىلىدىغانلا بولسا، سەددىچىننىڭ سىرتىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا، تارىخى بىلىمگە ئىگە جۇڭنەنخەي،
شۇڭا سەزگۈلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئەندىشە، دەككە - دۈككە ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ قالدى.