كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئولىمپىك مەزگىلىدە قان تۆكۈلۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟

بوشۈن تور بېتىنىڭ قىزىق نۇقتىسى: بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى 2008‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 23‏ - كۈنى، مۇخبىر تەن مىڭ. خەۋەر مۇنداق باشلاندى: ئومۇمەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ياخشى خەۋەرلىرىنى كۈتۈپ ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كىشىلەر دىققەت! ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىڭلار! بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدە دەھشەتلىك قان تۆكۈلۈشى مۇمكىن.

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە" جەنۇبىي شەھەر گېزىتى" تور بېتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 7‏ - ئاينىڭ 3‏ - كۈنى كەچتە سەھىيە مىنىستىرلىقى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بېيجىڭ قاتارلىق مۇسابىقە رايونلىرىدا ئولىمپىك مەزگىلىدە دائىملىق ۋە جىددىي قان ئىشلىتىش تەلەپلىرىگە يارىشا قان بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھال نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ دەپ سوئال قويدى مۇخبىر تەن مىڭ ئەپەندى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا زور كۆلەمدە قان تۆكۈلۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟ بۇ ۋەقە، قان تۆكۈلۈشنىڭ دەرىجىسى شۇ دەرىجىدە ئېغىر بولسا، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ قان ئىسكىلاتلىرىدىكى زاپاس قاننىڭمۇ جىددىي ئېھتىياجغا يېتىشمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان قانمۇ يېتىشمىسە، ئوپېراتسىيە قىلىشقا تىگىشلىك كېسەللەرنى ئولىمپىكتىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلىشقا قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

2008‏ - يىلى كىرگەندىن باشلاپلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل كۈچلەر، ھەر خىل ئادەملەر خىتاي كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە "ياق" دېيىشكەن ئىدى. ئۇلار خىتاي كوممۇنىستلىرى توغرىسىدا قانداق ئويلىمىسۇنكى ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى دەيدىغان پوزىتسىيىدە بولمىغان بولسىمۇ بىراق، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يوشۇرۇنچە ئولىمپىك مەزگىلىدە قان تۆكۈلۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ئىدى.

مۇخبىر تەن مىڭ خەۋەردە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش شوئارى ئاستىدا ھۆكۈمەت بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئالدىنىپ قالغان كىشىلەر ئەس‏ - ھوشىنى يوقاتقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر بايقاپ يەتتىكى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ تەرتىپلىرى، دېموكراتىك ئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ تەرتىپلىرىگە ئوخشىمايلا قالماستىن، 1936‏ - يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ تەرتىپلىرىگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە؛ بۇ قېتىم خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋەھىمىسى قاپلاپ تۇرغان بىر خىل كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى.

7‏ - ئاينىڭ 20‏ - كۈنىدىن باشلاپ، ‏ - دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ مۇخبىر تەن مىڭ، ‏ - مەملىكەت بۇيىچە 19 ئايرودرومدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى. پويىز ئىستانسىسى، يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسى، قاتناش يول ئېغىزلىرىدا قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرىۋەتتى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ نەق مەيدان كۆرسىتىش تەلەپلىرىنى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىش تەلەپلىرىنى رەت قىلدى. ھەربىيلەر ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارنى بېيجىڭ شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىپ، 3 قەدەمدە بىر قوراللىق ساقچى، 5 قەدەمدە بىر پوس قويدى. قوراللىق پاترونلار كوچىلارنى قاپلىدى. يۇقىرىقى تەدبىرلەرگە نەزەر ئاغدۇرساق خىتاي كوممۇنىستلىرى ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش باھانىسىدا، دۆلەتنى ئاستا - ئاستا ئۇرۇش يولىغا ئېلىپ كىرمەكچىمۇ ‏ - قانداق؟

خىتاي كوممۇنىستلىرى قان تەييارلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بىلىمىزكى، 4 ‏ - ئىيۇندىن كېيىن كوچىغا قوراللىق ساقچى قىسىملار چىقىرىلمىغان، يەر تەۋرەشتە 100 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان سىچۈەندە قان ئېلىش، قان بېرىش ئىشلىرى يۈز بەرمىگەن. ھۆكۈمەتنىڭ قان تەييارلاشقا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدىن قارىغاندا، ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدا قان تۆكۈلۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقىنى يوق، بەلكى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك زور كۆلەمدە قان تۆكۈلۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

بۇ ماقالە يېزىلىشتىن بۇرۇن، قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلىنىپ كەتكەن، خىتايلاردىن ئەمەس ئۇيغۇرلاردىن قان ئېلىشنى ئۈرۈمچى ئاۋۋال باشلاپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟