" ساپاسىز گۇرۇھۋازلىق" مۇ ياكى ساپالىق گۇرۇھۋازلىقمۇ ؟

بىز قاچان "مەن بىلىمەن" دېيىشىمىز كېرەك، بەلكى بەلگىلەنگەن تەلەپپۇز بۇيىچە بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بىز قاچان ئىشەنچلىك ھالدا:" بۇ ئىش مەن گۇمانلانماي بىلىشكە تىگىشلىك ئىش ئىدى"، دېيەلىشىمىز كېرەك، مۇبادا بەلگىلەنگەن باسقۇچقا يېتەلمىگەندە، مەلۇم جەھەتتە ھەم ھۆكۈم ئاساسىدا بىز قاچان، "مەن ئىشىنىمەن"، "مىنىڭ قارىشىمچە"،"مىنىڭ پىكرىم بار ئىدى"، "بۇ مەن ئىشىنىدىغان ھەقىقەت ئىدى"، دېيەلىشىمىز كېرەك؟

0:00 / 0:00

يېقىندا مەلۇم تور بېتىدە "پەرھات - يالقۇن ھادىسىسى ۋە ساپاسىز گۇرۇھۋازلىق" دەپ، ماۋزۇ قۇيۇلغان بىر پارچە ماقالىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. "مەن ئىشىنىمەن" شۇڭا "مىنىڭ قارىشىمچە"،ئەگەر "ھادىسە" دېيىلسە بۇ ھادىسە تەسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس.

20‏ - ئەسىرنىڭ 80‏ - يىللىرىدا مىخائىل گورباچىۋنىڭ "يېڭى تەپەككۇر" ماۋزۇلۇق كىتابى روس تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنياغا دەسلەپتە ۋەھىمە، كېيىن ئاپەت ئېلىپ كەلگەن كوممۇنىزمغىمۇ بۇ نۆۋەت بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئارقىلىق ئاۋۋال ۋەھىمە، كېيىنچىرەك "ئاپەت" يىتىپ كەلگەن ئىدى. كوممۇنىزمنىڭ قۇدرەتلىك قورغىنى سوۋېتلەر ھاكىمىيىتىگە دەز كەتكەنلىكىنى سېزىپ يەتكەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ كىتابنى دەرھال خىتاي تىلىغا، خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ 80‏ - يىللاردا "بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش" كە قارشى تۇرۇش،"مەنىۋىي بۇلغىنىش"قا قارشى تۇرۇش دەيدىغان سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى گو باۋنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ئاستىدا، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئاۋۋال "مەھمۇت قەشقىرى كىمنىڭكى"، "يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىمنىڭكى" دەيدىغان گۇمانلىق سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئۇيغۇر - قازاق مىللەتلىرىنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان.

تەسىرلىنىپ قىلتاققا چۈشكەن تۆلەۋقان ئەپەندى ھەتتا،" شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئەمەس" ماۋزۇلۇق ماقالە يېزىپ، خىتاي تىلى"شىنجاڭ گېزىتى"دە ئېلان قىلىپ كۆرەڭلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ كەينىدىنلا خىتاي تارىخچىلىرى ۋە رىجىسسورلىرى بىرلىشىپ، "فېڭ خانىم" ماۋزۇلۇق تىلېۋىزىيە چاتما تىياتىرىنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقىپ، "تارىختا قازاقلار ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى" دەيدىغان پىكىرلەرنى ئىشلەپ چىقىپ، ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئەخلەت تۆككەن.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن خىتاي تىلى "شىنجاڭ گېزىتى"دە ماقالە ئېلان قىلىپ،"كونا شەرقى تۈركىستانچىلار باش كۆتۈردى"،" ئالتايچىلار قۇتراشقا باشلىدى"، دەيدىغان پىكىرلەر ئارقىلىق، مەرھۇم مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە سىياسى جەھەتتە زەربە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.يەنە شۇ رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مەمەتئىمىن "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى" تەھرىر بۆلۈمىگە بېرىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى تەنقىدلەش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن، ژورنالنىڭ خىتاي تەھرىرلىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ، يەنىلا ماقالە تەشكىللەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. يەنە شۇ رەھمەتلىك مۇتەپەككۇرىمىز ئابدۇ شۈكۈر مەمەتئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىگە فېڭ داجىننىڭ يېنىغا بېرىپ، رەھمەتلىك تارىخچىمىز تۇرغۇن ئالماسنى تەنقىدلەش توغرىسىدا پىكىر ‏ - تەلەپلىرىنى ئىزھار قىلغان.92‏ - يىلى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان بۇيىچە تۇرغۇن ئالماسنىڭ 3 كىتابىنى تەنقىدلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن.

20‏ - ئەسىرنىڭ 90‏ - يىللىرىدا سوۋېتلەر زېمىنىدا كوممۇنىزم ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ دوغىللىرى، دوختۇرخانىدا يېتىۋالسا يوقلاپ بېرىپ، تۇرپانغا قېچىپ كەتسە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ،بېسىم ئىشلىتىپ، رەھمەتلىك ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە "شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك نامى توغرىسىدا" ماۋزۇلۇق ماقالە يازدۇرۇپ، ھەم مۇتەپەككۇرىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تۆككەن ھەم سىياسىي مەقسىتىگە يەتكەن. خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ تەقىبلەش ئورگانلىرى، زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرىگە زەربە بېرىپ، بىرىنى يېنىغا تارتىپ، بىرىگە ئەمەل، ھوقۇق ۋەدە بېرىپ، بىرىگە تۈرمە، قولغا ئېلىش تەھدىتى سېلىپ، كەينىدىن كوچا - كوچىدا پىتنە - پاسات تارقىتىپ، زىيالىيلارنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، ئۆز ‏ - ئارا مېھرىبانلىق، ئۆز ‏ - ئارا كۆيۈنۈش رىشتىللىرىنى بىت - چىت قىلىپ ھەتتا، نەزىر - چىراق، توي - تۆكۈنلەردە بىر ئۈستەلدە ئولتۇرمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.

كىرىمىل ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىدا، قاتمال سىياسى ئاڭ ۋە قاتمال سىياسى تەجرىبىلىرىدە ئالەم - شۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل بولدى. 20‏ - ئەسىرنىڭ 50‏ - يىللىرىدا سىياسى مۇساپىر بولۇپ ئەرەبىستانغا،80‏ - يىللاردا سىياسى مۇساپىر بولۇپ تۈركىيىگە يىتىپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇ دۆلەتلەرگە يەرلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 90‏ - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئامېرىكا، كانادا، قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىگە ھەتتا شىمالى ياۋرۇپا ئىسكاندونوۋىيە دۆلەتلىرىگە يىتىپ كېلىپ سىياسى پانالىق تىلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ سىياسى تەجرىبىلىرىدىكى زور ئۆزگۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ غەرىپ دۇنياسىغا يىتىپ كېلىشى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ سىتىئېراتىگىيىلىك پىلانلىرىنى بىت - چىت قىلىۋەتتى.نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىغا قايسى شەكىلدە زىددىيەت سېلىش خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى كىچە - كۈندۈز باش قاتۇرىدىغان ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

20‏ - ئەسىرنىڭ 80‏ - يىللىرىدا، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، سودىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، 80 ‏ - يىللاردىن باشلاپ، سەددىچىننىڭ ئىچىدە ھەتتا، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا، تەقىپ قىلىنغان نەشرىياتچىلىق،مەتبۇئاتچىلىق سىياسىتىنى بىر ئاز يۇمشىتىپ، قىسمەن دائىرىدە ئەركىن پىكىر قىلىشقا يول قويغان. خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق غەربنىڭ پەلسەپىۋى ئېقىملىرى،سىياسى، ئىجتىمائىي سوتسوئولوگىيىلىك پىكىر ئېقىملىرى،ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە، ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەنقىدچىلىك، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە ئائىت پەلسەپىۋى پىكىر ئېقىملىرى، پىروئىدچە پىسخولوگىيىلىك پىكىر ئېقىملىرى، سىھرىي رېئالىزم، بىمەنىچىلىك، يېڭى تەنقىدچىلىك، ئاڭ ئېقىمى، گۇڭگا ۋە مونولوگ شېئىرىيەت ئېقىملىرى، قىسقىسى مۇدىرنىزملىق ئىجادىيەت مېتودى خىتاي تىلى ۋە تەرجىمە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەدبىق قىلىنىشقا باشلىدى.

ھالبۇكى، غەرب مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان پەلسەپىۋى ئۇقۇم ۋە پەلسەپىۋى مېتودلار. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تۇپرىقىدا پۇت تىرەپ تۇرالىغىدەك زېمىن تاپالمىدى. چۈنكى، يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى چەكلىك بولغانلىقتىن بۇ ئۇقۇم ۋە مېتودلارنى ھەزىم قىلالمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى ئۇقۇملارغا مۇناسىۋەتلىك شائىرلار سېپىدىن، يازغۇچىلار سېپىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، ساۋاتسىز يازغۇچى، ساۋاتسىز شائىرلارنىڭ ھېسيات ئۆزگىرىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، بىر قىسىم شائىرلار ۋە يازغۇچىلارغا ماقالە يازدۇرۇپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ئاتالمىش "گۇڭگا" چىلارغا، "مودېرنىزمچىلار" غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ،بۇ ھەرىكەتنى شۇ ھامان،جەمئىيەتتىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي مەقسىتى - ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي تەلەپلىرىنى قوللاۋاتقان غەرب دۇنياسىغا قارشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جامائەت پىكرى تەييارلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى ۋە دەسلەپكى قەدەمدە مەقسىتىگە يەتكەندەك بولدى.

بۇنىڭ ئىچىدە پەرھات تۇرسۇن ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە غەرب مەدەنىيىتىنى تەشۋىق - تەرغىپ قىلغۇچى كىشى، يالقۇن روزى،ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرغۇچى كىشى دەپ ئاتالدى. بۇ كىشىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى يازغان ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ياش زىيالىيلىرىنى قىسمەن دائىرىدە ئىككى گۇرۇپپىغا پارچىلاپ، ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتكەن بولدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ 80‏ - يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ پارچىلاشقا ئىشلەتكەن ئۇسۇل - چارىلىرىنىڭ ئەكسىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇرنىڭ ياش زىيالىلىرىنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، پارچىلاشقا قوللانغان ئۇسۇل - چارىلىرى، يۇقىرى سەۋىيىلىك، كەڭ دائىرلىك ئۈنۈملۈك بولدى.

ئەمەلىيەتتە يالقۇن رۇزى تەنقىد قىلىدىغان پەرھات تۇرسۇننىڭ نېمىسى بار؟ پەرھات تۇرسۇن تەنقىد قىلىدىغان يالقۇن رۇزىنىڭ نېمىسى بار؟ ئۇلار يازماقچى ئىدى... تېخى يازمىدى. زامان ئۆكتەملىرى ئۇلارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش يوللىرىنى توسۇپ قويدى. " غالجىر تالانت" نىڭ ئىگىلىرى، "ئەسەبىي مەشھۇرلۇق" قا ئىزدەنگۈچى ئىرادىنىڭ ئىگىلىرى، مېنىڭچە قەپەسگە سولانغان ئىككى دانە قۇش ياكى ئىجادى ئىقتىدارىنى ئىپادىلەشكە سورۇن يوق ياكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئورۇن يوق، قەپەزنىڭ شادىلىرىغا قانىتىنى ئۇرۇپ سايراۋاتقان قۇشلارنىڭ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەدەبىيات قانۇنىيەتلىرىگە خاس بىر - بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەنقىد قىلغاندىن باشقا يەنە، بىر - بىرىنىڭ شەخسىيىتىنى تەنقىد قىلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى؟

بۇ ياشلىرىمىز خىتاينىڭ تەقىبلەش ئورگانلىرى قۇرغان قاپقانغا چۈشۈپ قالدى. بىلىشىمىزچە، ھاياتتا ياشاشنىڭ مەقسىتى بىلەن ياشاشنىڭ ئۇسۇل ‏ - چارىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر دائىم دېگۈدەك ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. مۇۋازىنەت بۇزۇلغاندا كەلگۈلۈك شەخىسنىڭ بېشىغا كەلسە بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق ئەمما، كەلگۈلۈك مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بولسا، سەۋەبكارىمۇ ئۆزى ۋە جاۋابكارىمۇ ئۆزى بولغۇچى كىشىلەرنىڭ بىر كېچىدە مىللەتنىڭ دۈشمىنىگە ياكى بىر كېچىدە مىللەتنىڭ خائىنىغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ قىياس قىلىشقا بولىدىغان ئاقىۋەتتۇر.