بۇ قېتىم، باشلىنىشى بىلەنلا خۇددى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر - ئۇر قىلغاندەك، جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ مەشئىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئېلىپ ئۈتۈلگەندە، تېنچلىقنى ھىمايە قىلغۇچى، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى خەلقلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىدى.ھەتتا فرانسىيىدەك دۆلەتلەردە ئولىمپىك مەشئىلى ئۈچۈرۈۋېتىلدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قېتىمقى ھەيۋەتلىك خەلقئارا مۇراسىمدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى ۋە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مۇستەملىكىچىلىك رىئاللىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېتىراپ قىلدۇرماقچى،خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى بۇ تەنتەنىلىك بايرام ئارقىلىق قانۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى.كىم بىلىدۇ، ئىش باشقا، غەرەز باشقا بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى؟جىددىي رېئاللىق خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاتلىق چۈشلىرىنى بۇزۇۋەتتى. دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرماقچى بولغان مۇستەملىكىچى خىتاي ئەمەلىيەتتە، دوستىنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئىش چىقماسلىق، ئىش چىققاندىمۇ ئازراق ئىش چىقىشقا كۆڭلىدە ماقۇل بولۇش بەدىلىگە ئولىمپىك مۇراسىمىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈپ ئېلىش، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولۇپ قالدى. قەدەم بېسىلىپ شۇ يەرگە يىتىپ كەلگەندە، ئولىمپىك مۇراسىمىدا ئىش چىقمايدۇ دەپ، كىم كېپىل بولالايدۇ؟پەقەتلا خۇدا بىلىدۇ!
قولغا ئېلىش، باستۇرۇش، مەتبۇئاتنى چەكلەش جەھەتتە، ئولىمپىك مۇراسىمى تېخى باشلانماي تۇرۇپلا، ئىنسانىيەتكە قارشى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۆزىنىڭ بەت - بەشىرىسىنى، يالغانچىلىقنى، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاپ قويدى. خىتاينىڭ قانداق خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش - ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىر غەلىبىسى بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئولىمپىك مۇراسىمى تەشۋىقاتى كىشىلەردە تۇيۇپ كېتىپ بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا قىلدى. جاي - جايلاردا جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش، يولۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش باشلىنىپ كەتتى.كىم بىلىدۇ،يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ روھى قۇرۇلمىسىمۇ گۇمران بولامدۇ، قانداق؟ بۇ ۋاقىت ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن تەقەززالىق ئىچىدە تىتىلداپ ئۆتىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا مەيلى پۇقرالار بولسۇن، مەيلى ئەمەلدارلار بولسۇن، مەيلى ساقچى ياكى ھەربىيىلەر بولسۇن، جۇڭگودا بىر ئىش چىقىدۇ، دېيىشتى. لېكىن قانداق ئىش چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەي قالدى. كىشىلەر ئەندىشە، ساراسىمە، ۋەھىمە، تىتىلداشلار ئىچىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ساھەلىرىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ يېتەلمىسىمۇ، لېكىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش بۇيىچە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.
" سىرلار ئېچىلىدىغان كۈنلەر يىتىپ كەلمەكتە. يۈرىكىمىز تەرتىپسىز سوقۇشقا باشلىدى، بۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ ئاخىرقى يەشمىسى تراگېدىيىلىك بولامدۇ ياكى كومېدىيىلىك بولامدۇ، كۈتۈپ تۇرىمىز" - دەيدۇ خىتاي زىيالىي يۈن ۋىي. يۈن ۋىي يەنە مۇنداق دېدى:" ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە جۇڭگودا قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىسۇن، بۇ ئۆزگىرىش خەلققە پايدىلىق بولىدۇ. ياۋۇز قاباھەتلىك سىياسى تۈزۈمنىڭ ھالاكىتىنى چوقۇم تېزلىتىدۇ، بۇ مىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىم ياكى ئىشەنچ مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى تارىخ قانۇنىيەتلىرىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر."
شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. مۇقەررەرلىك تەبىئەت ئالىمىدە كۈچىنى كۆرسەتكەندەك، مۇقەررەرلىكنىڭ جەمئىيەتتىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشى يۈز بېرىپ تۇرمايدىغان بولسا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىمۇ بولمىغان بولاتتى.