جۇڭگودا ئىش چىقىدۇ، ئىش چىققاندىمۇ چوڭ ئىش چىقىدۇ

شاڭگاڭدا نەشر قىلىنىدىغان يۈزلىنىش ژۇرنىلى 7‏ - سانىدا، شۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىرى جاڭ ۋىيگو ئەپەندىنىڭ "جۇڭگودا ئىش چىقىدۇ، چىققاندىمۇ چوڭ ئىش چىقىدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ماقالە مۇنداق باشلاندى: پۇقرالار خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئۆتكەندە، بىز ئاجىز ئاۋامنىڭ، ئاجىز سادالارنىڭ جۇغلىنىپ تاغنى تالقان قىلىدىغان غەزەپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى، بۇ خىل غەزەپ ئوتىنىڭ تۇتىشىپ ئالەمچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغان كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

جاڭ ۋىيگو ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كۆپ ئىش چىقىدىغان بىر دەۋرگە كىرىپ قېلىپ، تەبىئىي ئاپەت، ئادەملەر پەيدا قىلغان دەردۇ - بالالىق ئاپەت كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن غەيرى؛ئەسلا قىياس ۋە پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان، قېتىم سانى شۇنچە تىز، بۇ ھادىسىلەر ياراتقان ۋەزىيەت بارغانسېرى كەسكىن، ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرى بارغانسېرى ئېغىر، ھەتتا ئاسماندا تور - يەردە قاپقان قۇرۇۋالدىم دەپ ئويلىغان خىتاي كوممۇنىستلىرىمۇ، ئالدىراپ قېلىپ، تېنەپ قېلىپ، بىر قانچە قېتىم يىغىن ئېچىپ تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى راكېتا قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئولىمپىك مۇراسىمىنى قوغدىماقچى بولغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشى ھەتتا ھەربىي باشقۇرۇشقا بېرىپ يەتكەن بولسىمۇ،گەرچە خۇ جىنتاۋ ئەپەندى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ جامائەت پىكرىنى يېتەكلىگەن بولسىمۇ ھامان بىز،جۇڭگودا ئىش چىقىدىغانلىقىنى، چىققاندىمۇ چوڭ ئىش چىقىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇپتىمىز.

جاڭ ۋىگو ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى، 58 يىللىق ئۇزاق مۇساپىدە، خىتاي كوممۇنىستلىرى قاچان چوڭقۇر ھاڭنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ئىدى؟ قاتىللىق قورالىنى تاشلىۋەتسىلا يارنىڭ لېۋىدىن قايتىپ كېلەلىگەن بولاتتى. بۇ ھاكىمىيەت 1 مىلياردتىن ئارتۇق پۇقرانى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، مەرىپەتلىك دۇنيا ۋە ئىلغارلىق بىلەن قارشىلاشماقچىمۇ؟ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ يالقۇنى پۈتۈن مەملىكەتكە تۇتاشتى. سۆز - مەتبۇئات ھوقۇقىغا ئىرىشكەن بۇ ژۇرنىلىمىز ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىمىزگە، ۋەتەنداشلىرىمىزغا سىگنال بېرىپ، جۇڭگودا يۈز بېرىدىغان چوڭ ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە، تاقابىل تۇرۇشقا سېنىڭ تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ؟ دەپ، سوئال قويىمىز.

بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان قىسقا بىر ئابزاسلىق مەزمۇندا پىكىر مۇنداق قەيت قىلىندى " ھەر قانداق بىر سىياسى تۈزۈم خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر تۈزۈم خاتالىق ئۆتكۈزگەندە،بارلىق پەرقلىق ئىنكاسلار بىر تەرەپكە يۈزلەنگەندە،ئۆزى بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى،ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى،سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى، ئۈنۈمدارلىق مەسىلىلىرىنى تونۇپ يېتىش كېرەكمۇ، يوق؟ بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمايدىكەن، مەيلى ئىچكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا بولسۇن ياكى خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا بولسۇن ھامان ئەبەدىي خاتا ئورۇندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئېكسپورت قىلىدىغان سۆز - ئىبارىلەردە قىممەت قاراشلىرى كەمچىل بولسا، رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمىغاندا، ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراشلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندا توقۇنۇش يۈز بەرسە، يېڭى مۇمكىنلىكتە گەۋدىلەنگەن قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى بۇرمىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

يۈزلىنىش ژۇرنىلىنىڭ 7‏ - سانىدا باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ " ئولىمپىك مۇراسىمى ۋە جۇڭگونىڭ ھەقىقىي قىياپىتى" ماۋزۇلۇق فىليەتۇنى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ماھىيەتلىرىگە چېقىلىدىغان" ئەمەلدارلار قىستاپ كەلگەندە پۇقرالار ئىسيان كۆتۈرىدۇ" ماۋزۇلۇق تەھرىر ئىلاۋىسىمۇ قوشۇمچە ئېلان قىلىندى. تەھرىرى ئىلاۋىسىدە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ياتلىشىپ، ئەكسى تەرەپكە مېڭىپ كەتكەنلىكى پاش قىلىنىپ، خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ "ئادەمنى ئاساس قىلىش"،"ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش"، دەپ سۆزلىگەن كۈنلەردىن باشلاپلا، جۇڭگو ئاھۇ - نادامەتكە، غەزەپلىنىش، نەپرەتلىنىشكە، ئەمەلدارلار بېسىم ئىشلىتىپ پۇقرالار ئىسيان كۆتۈرىدىغان بىر دەۋرگە كىرىپ قالغان جەمئىيەت ئىدى دەپ كۆرسىتىلدى.