تېررورچىلىقنى كىم پەيدا قىلغان بولسا، شۇ كىشى تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئىچىدە قالىدۇ

2008 ‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 6‏ - كۈنى يېڭى ئىرا تور بېتىگە "تېررورچىلىقنى كىم پەيدا قىلغان بولسا، شۇ كىشى تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئىچىدە قالىدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالە يازغان تۇڭ مىڭ ئەپەندى، ماقالىنى مۇنداق باشلىدى : بۈگۈنكى كۈندە يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن، ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن پارتىيە، پەقەت ياۋۇز كوممۇنىستىك پارتىيە بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ پارتىيە جۇڭگودا قاباھەتلىك تەبىئىتىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا پاش قىلىپ، دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويۇشنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈزۈپ، " ئولىمپىك مۇراسىمىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش " دەيدىغان گەپ بۇيىچە، تەڭداشسىز دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندەك، بېيجىڭ شەھىرىنى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى تۈرمىگە ئايلاندۇرغاندا، ئازراق شەپە كەلسىلا بۇ پارتىيە خۇددى بالايى‏ - ئاپەت يىتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىدىغان پارتىيە بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

تۇڭ مىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ پارتىيىنىڭ يېتەرلىك ياۋۇزلۇقى،چېكىدىن ئاشقان ۋەھشىيلىك، ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى، ھەر قاچان - ھەر يەردە تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، قان ھىدىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بۇ پارتىيە يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، كۆرگەنلا كىشىگە تەھدىت سېلىپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە باشلىدى. مەتبۇئاتنى تىزگىنلەپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار بولۇپ كەتكەن بۇ پارتىيە، ئويغانغان پۇقرالاردىن قورقۇپ يۈرگەندە، ئولىمپىك مۇراسىمى بۇ پارتىيىنى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى پاخال بولۇپ قالدى.

تۇڭ مىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ پارتىيە ئېقىمغا قارشى پالاق ئۇرۇپ، ئىستېرىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەنسىزچىلىككە چۈشۈپ قالدى. چۈنكى، بۇ پارتىيە تەڭرىنى غەزەپكە، پۇقرالارنى ئاچچىق غەزەپكە كەلتۈرۈپ قويدى. پۈتۈن خەلق بۇ پارتىيىدىن ۋاز كەچتى، پۈتۈن مەملىكەت بۇ پارتىيىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. بۇ پارتىيە شەكىللىك، شەكىلسىز شىددەتلىك زەربىگە دۇچ كېلىپ، ئومۇميۈزلۈك پارچىلىنىش يوقۇلۇشقا يۈزلەندى.

مەيلى چوڭ كۆلەملىك، مەيلى كىچىك كۆلەملىك بولسۇن،ئاجىز بولسۇن، مەيلى ۋاقتىدا ياكى ۋاقىتسىز بولسۇن بۇ پارتىيىگە بېرىلگەن ھەر قانداق زەربە ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالدى ۋە قالغۇسى! شىنجاڭدىن تۇيۇقسىز يىتىپ كەلگەن پارتلاش خەۋىرىدە بۇ پارتىيىنىڭ 16 ساقچىسى يارىدار بولدى، 16 ساقچىسى ئۆلدى. ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت ئالدىدا، بۇ پارتىيە پەقەتلا ئولىمپىك ئۆتكۈزىدىغان شەھەرلىرىم ئامان - ئېسەن قالدى، دېيەلىشى مۇمكىن.

تۇڭ مىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى:گەرچە بۇ پارتىيە ئولىمپىك مۇراسىمىدا يۈز - چىرايىنى كۆرسىتىپ،ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئولىمپىك مۇراسىمى ئارقىلىق يۈرەكنى كۈچەيتىش ئوكۇلى ئۇرۇپ، قىياپەت كۆرسەتسىمۇ،خۇددى كۆك يانتاقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك، ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرقى ئۆزگىرىشتىن پەخەس بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.

تۇڭ مىڭ ئەپەندى مۇنداق كۆرسەتتى:ئەگەر مۇشۇ پەيتتە، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش شوئارلىرى،تەشۋىق - ۋەرەقە تارقىتىش، شۇئار توۋلاش، لوزۇنكىلارنى تەرەپ - تەرەپتە كۆتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، زوراۋانلىققا پۈتۈن خەلق قارشى تۈرۈپ، پارتىيىدىن چېكىنىپ، فالۇنگۇڭنى قوللاپ، مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىققان ئەزىز مېھمانلار كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆزلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ مەتبۇئات ئورگانلىرى، قىزىق نۇقتىلارنى خەۋەر قىلىش قىزغىنلىقىنى، قاباھەتلىك ياۋۇز پارتىيىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى خەۋەر قىلىشقا يۆتكەيدىغانلا بولسا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرىنى خالتا كوچىغا قىستاپ قويغان بولاتتى ۋە بۇ پارتىيە تىزلىك بىلەن گۇمران بولاتتى.

تۇڭ مىڭ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى:شۇنداق بولسىمۇ، يەر شارى مىقياسىدا بۇ پارتىيىنى پارچىلاشقا ئىرادە باغلىغان شەخسلەر، گۇرۇپپىلار، كوممۇنىست پارتىيىنى يوقىتىش قەدەملىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئولىمپىك مۇراسىمى جەريانىدا ئۆزلىرىنى ئىپادىلەپ، ئوخشاشمىغان تەرەپلەردىن، ئوخشاشمىغان قاتلامدىن قول سېلىپ، ھەر خىل شەكىل، ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، پايدىلىنىشقا بولىدىغان ھەر خىل كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، بۇ پارتىيىگە ئەجەللىك زەربە بېرەيلى!

زادى كىم تېررورچى؟ دەپ سوئال قويدى تۇڭ مىڭ ئەپەندى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تېررورچىلىقنى پەيدا قىلغۇچى پارتىيىدۇر. بۇ پارتىيە يېقىن كەلگۈسىدە ھالاك بولىدۇ. بۇ پارتىيىنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر بۇ ئالەمدە قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، ئادالەت ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ھەققانىي ھەرىكەتتۇر. بىزنىڭ قانداق ئىش قىلىشىمىز بۇ مۇھىم ئەمەس، بەلكى مۇھىمى پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئولىمپىك مۇراسىمى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك.