جۇڭگو بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يىتىپ كەلدى

2008‏ - يىلى 8‏ - ئاينىڭ 13‏ - كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى ماقالە يېزىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سەلتەنەتلىك، دەبدەبىلىك باشلانغان ئولىمپىك مۇراسىمىدا يالغانچىلىق تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقتى. يۇڭ دۇڭمىن كوچىسىدىن چاڭگا شەكىللىك تەنتەربىيە سارىيىغىچە ئىز قالدۇرۇپ مەشئەل كۆتۈرۈشتە، 29 قەدەم ئىزنىڭ ئاخىرقى 29 ‏ - چىسى راست بولۇپ، قالغان 28 قەدەملىك ئىز كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان ئىز بولۇپ چىقتى.

0:00 / 0:00

ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن تور بەت ئەزالىرىنىڭ كەسكىن تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ،ئارىلىقتا يەنە بەزىلەر يالغانچىلىقنى ئاقلاپ بىرىنچى گۈزەللىكنى قوغلىشىپ، ئىككىنچىدىن دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇنداق قىلىندى، دېيىشتى.

مەسىلە شۇ يەردىكى بەزىلەر ۋە بەزى گۇرۇھلار دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ شەخس مەنپەئەتىنى ۋە گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغلىشىپ كەلدى. بۇ خىل دۆلەت مەنپەئەتى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدىغان، قارشى تۇرغۇچىلارنى تۈرمىگە تاشلايدىغان دۆلەت مەنپەئەتى ئىدى.

خۇجىنتاۋ 8 ‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوتتۇرىغا چىققان ئولىمپىكنى سىياسىيىلاشتۇرۇشنى تەنقىد قىلدى. جۇڭنەنخەينىڭ سىياسى ئوبرازى ۋە "دۆلەت مەنپەئەتى" ئۈچۈن يالغان سۆزلەش ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش بولماي نېمە؟

خەلق ئىچىدە كوممۇنىست ئەمەلدارلار يالغان سۆزلەيدۇ،چوڭ سۆزلەيدۇ، قۇرۇق سۆزلەيدۇ، دەپ تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر بۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى ئەمەسمىدى؟ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كوممۇنىست پارتىيە، بۈگۈنكى سوتسىيالىزم ياكى ستالىن ماركىلىق كوممۇنىست پارتىيە ياكى لېنىن ماركىلىق سوتسىيالىزم، ياكى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ماركىلىق سوتسىيالىزم بولالمىدى. بەلكى بىر مەزگىللىك، ئىناۋەت - ئابروي تەلەپ قىلىدىغان، لۈكچەكلەرنىڭ، سىياسى يانچۇقچىلارنىڭ، باندىتلار گۇرۇھىنىڭ داشقاينىقى بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمى جۇڭگونى دۇنيانىڭ قوينىغا ئېلىپ كىردى. ھالبۇكى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھەقىقىي جۇڭگونى دۇنياغا كۆرسەتمەي يالغان ساختا جۇڭگونى دۇنياغا كۆرسەتتى.

ئولىمپىك ھارپىسىدا ۋە ئولىمپىك مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باشقا مىللەتلەر بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەسكىن ئېلىشىشلار دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگونى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆتۈلگەن بىر قېتىملىق دەرس بولدى. بۇ ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئايرىم چەتئەل سىياسەتۋازلىرىنىڭ ياكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا تەسۋىرلىگىنىدەك جۇڭگو بولماي قالدىغۇ؟ئولىمپىك مەزگىلىدە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق مېھمان سۇيىقەستكە ئۇچراپ بېيجىڭدا قۇربان بولدى.

جۇڭگولۇقلار زىيانكەشلىككە ئۇچراپلا قالماي چەتئەللىكلەرمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىغۇ؟ جۇڭگو دۇنياۋى كەنتنىڭ بىر قىسمى ئىكەن، چەتئەللىكلەر ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلاپ بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دېيەلمەيدىغان بولۇپ قالمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كونتروللۇقى دائىرىسىدە قورال بولۇپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر ئامىل بولۇپ كەلگەن جۇڭگو پايچەك بازىرى، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشىنى تەنتەنە قىلىپ. تەبرىكلەپ خۇش - خەۋەر يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە پاي چەكنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.

مەيلى زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش بولسۇن ياكى ساختا نىقاپنى ئۇستىلىق بىلەن يىرتىپ تاشلاش بولسۇن، بۇ ھال كوممۇنىستىك پارتىيە كونتروللۇقىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئوخشاشلا ئەينى چاغدا ماۋزېدۇڭ ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى قەغەز يولۋاس دېگەندە ئالدىراپ كەتكەن بولسا، بۈگۈن خىتاي جۇڭگوسى ھەقىقەتەن قەغەز يولۋاسقا ئايلىنىپ قالدى.

بۇ ئەھۋال تۈزۈملەشكەن سىستېمىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت قىلىپ ياكى زوراۋانلىق ئىشلىتىپ، بۇ كەبى لاي بۇت كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى پاچاقلاپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇڭا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى دەپ ئاخىرلاشتۇردى، لىن باۋخۇا ئەپەندى.