نۇر بەكرى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى سەپەرۋەرلىك دوكلاتىنى ئۇقۇپ ئۆتتى

2008‏ - يىلى9‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ،غالچا مىللى كادىرلارنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە چاقىرىق قىلدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.09.16
Nur-Bekri-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﻯ.
Screen shot from www.xinjiang.gov.cn

 قورچاق رەئىس نۇر بەكرى دوكلات ئۇقۇپ بەرگەندە :" خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن چۇڭقۇر مۇناسىۋەتلىك"، "خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى"، "غەرىبتىكى دۈشمەن كۈچلەر غەربلەشتۈرۈش،پارچىلاش، چەكلەش ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا بۆسۈش ئېغىزى ئىزدەش ۋە ئېچىشقا ئۇرۇندى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە" ئۇلار شىنجاڭنى ئاساسى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، شىنجاڭغا قارىتىلغان بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا قوللىدى ۋە باشقۇردى"دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ قەدەممۇ - قەدەم كۈچىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرۈشى ئۆتكۈر، كەسكىن، مۇرەككەپ مەزگىلگە قەدەم قويدى"دەپ كۆرسەتتى.

ۋەزىيەتنى ياخشى تەھلىل قىلغان قورچاق رەئىس نۇر بەكرى ئەپەندىگە خىتاي كاتىپلىرى دوكلاتنى تولۇق يازماي چالا يېزىپ بەرگەن ئوخشايدۇ. 1949‏ - يىلى خىتاينىڭ كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ستالىننىڭ ھەربى ئايرۇپىلانىغا، سىتالىننىڭ ھەربى ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ ئاتالمىش شىنجاڭ دېگەن يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ مىللەتچى پارتىيىسى گومىنداڭ بۇ ئۆلكە شىنجاڭ دېگەن يەرگە 100مىڭ كىشىلىك ئارمىيە بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇيغۇرنىڭ قوراللىق قوشۇنلىرى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىلىتارىست شىڭ شىسەينىڭ ياللانما قوشۇنلىرىنى ۋە گومىنداڭنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى تار‏ - مار قىلىپ ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىلى ئۆلكىسىدە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇرغان ئەمەسمىدى؟ 1945‏ - يىلى چاقىرىلغان" يالتا يىغىنى" ۋە شۇ يىلى 8‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى چاقىرىلغان "جۇڭگو، سوۋىت سۆھبىتى - موسكۋا يىغىنى" ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىپ خىتاينىڭ مىللەتچى پارتىيىسى گومىنداڭنىڭ خەرىتىسىگە قوشۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟

20‏ - ئەسىر كىرگەندىن كېيىن،17‏ - ئەسىردە ھازىرقى سىبىرىيىنى، 19‏ - ئەسىردە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيانى زەپتى قىلىپ چار روسىيەنىڭ دۆلەت خەرىتىسىگە قوشۇپ ئالغان چار روسىيە ھۆكۈمىتى 1911‏ - يىللاردىن باشلاپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، مانجۇ - خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇپ، نامايىش ۋە قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقان جاي - جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقىنى جاسۇسلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق پارچىلاپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئۆلكىدە ياڭ زىڭشىن، جىن شۇرېن، شىڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلاب ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇشىغا زىيانكەشلىك قىلغان ئەمەسمىدى؟ بۇ ئىشلار رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ئەمەسمىدى؟

1904‏ - يىلى ياپۇن دېڭىزىدا ياپونىيىنىڭ قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك زەربىسىدىن ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتكەن چار رۇسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى روس - ياپۇن ئۇرۇشىدا شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولۇپ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن، چار روسىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگونى چەكلەشتىن ئىبارەت ئاسىيا سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ياپونىيىنى چەكلەش سىياسىتىگە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان چار روسىيە بىلەن مۇستەملىكىچى مانجۇ - خىتايلار، لېنىن ‏ - ستالىن روسىيىسى بىلەن گومىنداڭ ۋە كوممۇنىست مۇستەملىكىچى خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئاسىيادىكى پولشاغا ئايلىنىپ قالدى. شەرقى ياۋروپادا پولشا جۇمھۇرىيىتى گېرمانىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا قانداق ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولسا، ئاسىيادا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان خىتاي بىلەن رۇسىيىلىك موجىكلار ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتايغا مۇستەملىكە بولۇپ قالغان ئەمەسمىدى؟

نۇر بەكرى ئەپەندى! تارىخنى مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان سىنىڭ خىتاي كاتىپلىرىڭ ساڭا تارىخنىڭ بۇ مەزمۇنلىرىنى يېزىپ بەرمىدى. 20‏ - ئەسىر ئىچىدە مۇستەقىللىق، ئازاتلىق ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرىستانلىق ئۇيغۇر خەلقى، چەتئەللىك رۇسىيىلىكلەر ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقتىن بۈگۈنكىدەك مۇستەملىكە ھالغا چۈشۈپ قالغان ئەمەسمىدى؟ بۈگۈنكى كۈندە بىر رايونغا ئىككىنچى بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە ئارىلىشىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىلىرىدا بەلگىلەنگەن، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇندەرىجىسى بولۇپ، ھەر قانداق دېموكراتىك دۆلەت بۇ مۇندەرىجىنى كۈندە ئوقۇپ تۇرىدۇ، تاشلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ.

شۇڭا قەيەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن، دېموكراتىك دۆلەتلەر چوقۇم ئارىلىشىدۇ. يامانغا يانتاياق بولۇپ بېرىدىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تالىبانلار ھەرىكىتىگە ئارىلاشمىدىمۇ؟ دارفۇر مەسىلىسىگە ئارىلاشمىدىمۇ، ئەينى چاغدا ۋېيتنام، كامبودجانىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشمىغانمۇ، ھەتتا ھىندونېزىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ھىندونېزىيىگە كوممۇنىزىمنى ئېكىسپورت قىلمىغانمۇ؟


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.