كەشپىياتچى ئۆمەرجان ئابلانىڭ پاتېنت ھوقۇقى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.02.02
2009.02.02
ئەمما مانا بۇ كەشپىياتنىڭ پاتېنت ساھىبى ئۆمەرجان نۆۋەتتە ئىشسىز ۋە نامرات، ئۇ ھازىر بېيجىڭدا داۋا ئۈستىدە.
مەزكۇر ئەسۋابنىڭ ئاساسلىق رولى، پارتلاتقۇچ دورىلارنىڭ پارتلىماي يەر ئاستى سۇ ئۈستىدە لەيلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى يىللاردىن بېرى ھەل قىلالماي كەلگەن.
شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا، خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى جۇ روڭجى ئۆمەرجان ئابلانىڭ كەشپىياتىغا باھا بېرىپ، بۇ كەشپىياتنىڭ گېئولوگىيە ساھەسىدە خەلقئارادا 3، جۇڭگودا 4 بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇنىڭغا 2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پاتېنت ھوقۇقى بەرگەن.
خىتاينىڭ پاتېنت ھوقۇقى قانۇنى بۇيىچە، مەزكۇر ئەسۋاب كەلتۈرگەن پايدىنىڭ 30% ى پاتېنت ساھىبىغا يەنى ئۆمەرجان ئابلاغا بېرىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەسۋاب خىتاينىڭ نېفىت قېدىرىپ - تەكشۈرۈش ساھەسىدە كەڭ - كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۆمەرجان ئابلا، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بۇيىچە، تېگىشلىك ھەققىگە ئېرىشسە، ئۇ بۈگۈن بىر مىليونېر بولۇشى كېرەك؛ ئەمما پاتېنت ھوقۇقى ئۇنىڭغا ئامەت ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كەلگەن.
جۇڭگو نېفىت شىركىتى، ئۆمەرجان ئابلا ھەققىدە، چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويماسلىق، ئۆزى ۋە كەشپىياتىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىغا يول قويماسلىق، پاتېنت ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويماسلىق ۋە شىنجاڭ نېفىت تەكشۈرۈش باشقارمىسىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىق تۆت تۈرلۈك چەكلىمە قويغان.
ئۆمەرجان ئابلا ئىجاد قىلغان پارتلاتقۇچ دورىلارنىڭ لەيلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسۋابى نۆۋەتتە خىتايدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. تەن نەرخى خىتاي پۇلىغا 10 تىيىن؛ سېتىلىش باھاسى 7 سوم 80 تىيىن، ئەسۋابنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 140 مىليون ئەتراپىدا. مانا بۇ، ئۇ، ئىجاد قىلغان ئەسۋابنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى پايدىسىدىن باشقا، پەقەتلا مەزكۇر ئەسۋابنىڭ بىۋاستە يارىتىۋاتقان ئىقتىسادىي قىممىتى.
ئۆمەرجان ئابلا ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 8 يىلدىن بېرى داۋا قىلماقتا، ھېلىھەم بېيجىڭدا بۇ ئىش ئۈستىدە، ئۆمەرجان ئابلا، ئۆز داۋاسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم يەرلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئەرزىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.