تۈركىيىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىۋاتقان ئوقۇش پۇلى ھەر ئاي ئۈچۈن 26 دوللارغا توغرا كېلىدۇ

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىۋاتقانلىق خەۋىرى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ غۇلغۇلا تېخىچە داۋاملاشماقتا. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئۇنى ئېلىشنىڭ شەرتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى پۈتۈن تۈركىيە بويىچە 26 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىكەن. نەتىجىسى ئەلا بولغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا 10 مىڭ سوم، نەتىجىسى بەك ياخشى ئىككى ئوقۇغۇچىغا 8000 سومدىن، دەرس نەتىجىسى ياخشى بولغان 3 ئوقۇغۇچىغا يىلدا 6000 سومدىن ئوقۇش پۇلى بېرىلىدىكەن. قالغان 20 ئوقۇغۇچىغا 2000 سومدىن بېرىلىدىكەن. ئىككىنچى خىلى ئوقۇش ياردەم پۇلى بولۇپ، بۇ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن. بۇلارنىڭ بىرى ئادەتتىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە تۇغقان يوقلاشقا ياردەم بېرىش پۇلىدىن ئىبارەت. نورمال ئوقۇش پۇلى ھەر يىلى 10 كىشىگە ھەر يىلى 2500 سومدىن بېرىلىدىكەن. تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ھەر يىلى 5 ئوقۇغۇچىغا 5000 سومدىن ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىككى يىل يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بارالمىغان ئوقۇغۇچى بولۇشى شەرت ئىكەن. ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىش ياردەم پۇلى بېرىلمەيدىكەن.

xitay-elchixanisi-uqturush-2-385.jpg
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى. 2011-يىلى دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ئىككى خىل ياردەم پۇلىنى ئېلىشنىڭ شەرتلىرىگىمۇ يەر بېرىلگەن.

خىتاي دۆلىتىنى سۆيىدىغان، خىتاي دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغدايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، خىتاي دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە زىيان ‏- زەخمەت ئېلىپ كېلىدىغان ھېچقانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولۇشى، ئوقۇش ئەھۋالىنى داۋاملىق ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا دوكلات قىلىپ تۇرغان ئوقۇغۇچى بولۇشى شەرت.

خىتاي دۆلىتى بىلەن تۈرك دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە بۇ پۇلنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تارقىتىدىغانلىقى يېزىلغان.

يۇقىرىدىكىدەك بولغان تەقدىردە ھەر يىلى جەمئىي 26 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇلى، 15 ئوقۇغۇچى بولسا ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بولىدىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ھەر يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان پۇل جەمئىي 20613 دوللار ئىكەن.

6 ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن ئوقۇش پۇلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر يىلى ياخشى ئوقۇغان 20 ئوقۇغۇچىغا تارقىتىلىدىغان پۇل 2000 سومدىن بولۇپ، بۇ تۈركىيە شەرتلىرىدە بەكلا ئاز پۇل. بۇ ئايدا 26 دوللارغا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيىدە 26 دوللارغا بىر ۋاقىت تاماق يېگىلى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا 26 دوللاردىن ئوقۇش پۇلى تارقىتىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇنىڭ سىياسىي بىر تەرىپى بارمۇ؟ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ پۇلنى ئالسا بولامدۇ؟