ئايشەمگۈل تۇرسۇن: «ساقچىلار دادام ۋە بالامنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنى بۇلاپ كەتتى»

2005 - يىلى 4 - ئايدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ يار يېزىسىدا سىرلىق بىر قۇتقۇزۇش ئوپراتسىيىسى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى يار يېزىسىدىكى ئايشەمگۇل تۇرسۇننىڭ دادىسى ۋە ئىككى بالىسى بىر قاتىل تەرىپىدىن پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.02.03
halmurat-305.png بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلار
Photo: RFA

ساقچىلار قانۇن دوختۇرلىرى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئايشەمگۆل تۇرسۇننى ئايرىم بىر يەرگە سولاپ قويغان؛ ئاندىن يۇرت - جامائەتنى قورودىن ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىپ سىرلىق بىر قۇتقۇزۇش ئوپىراتسىىيىسى باشلىغان. ئايشەمگۈل تۇرسۇن سولانغان جايدىن قېچىپ چىقىپ، ئىشىكتىن مارىغاندا قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئوغلىنىڭ بەدىنىدىن بىر پارچىنى ئېلىپ كىچىك بىر ساندۇققا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋە ساقچىلارنى «ئوغرىلار» دەپ چۇقان سالغان. جامائەت قوروغا باستۇرۇپ كىرىپ ئايشەمگۈلنىڭ يارىلانغان يەنە بىر قىزىنى ساقچىلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ قاچقان.

ئەسلىدە ئايشەمگۈل ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە نەق نەيدانغا يېتىپ كەلگەندە دادىسى جان ئۈزۈپ بولغان، ئوغلى ۋە قىزى يارىدار ھالەتتە بولۇپ، ساقچىلار نەق مەيداننىڭ ئەسلى ھالىتىنى بۇزۇۋەتمەسلىك باھانىسىدە ئايشەمگۈلنى قوشنىسىنىڭ قوروسىغا سولاپ قويغان. ئۇ سولانغان قورودىن قېچىپ چىقىپ، ئۆز قوروسىنىڭ ئىشىكىدىن مارىلىغاندا، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ ئوغلىنىڭ بەدەن ئورگانلىرىدىن بىر پارچىنى ئېلىۋېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن. ئۇ قوروسىنىڭ ئەتراپىدا ئولىشىپ تۇرغان مەھەللە جامائىتىنى بالىلىرىنى ساقچىلاردىن قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان. جامائەت قوروغا باستۇرۇپ كىرگەندە، ئايشەمگۈلنىڭ دادىسىنىڭ قورسىقىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى، ئوغلىنىڭمۇ قورسىقىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى، تېخى تىكىپ ئۆلگۈرۈلمىگەنلىكىنى، ئايشەمگۇلنىڭ قىزىنىڭ بىر چەتتە ھالسىراپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن؛ جامائەت ساقچىلارنى تىللاپ ئەيىبلەپ، ئايشەمگۈلنىڭ قىزىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان. بۇنىڭ بىلەن ئايشەمگۈلنىڭ دادىسى ۋە ئوغلى ئۆلگەن، قىزى قۇتۇلۇپ قالغان؛ ئانىسى ۋەقەنىڭ زەربىسىدىن بىر ھەپتىدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. تېخىمۇ سىرلىق يېرى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن دوختۇرخانە ئاپتوموبىلى ساقچىلار تەرىپىدىن قايتۇرىۋېتىلگەن. ئايشەمگۇلنىڭ دېيىشىچە، جەسەتنى يۇغۇچىلارمۇ جەسەتنىڭ قورساق قىسمىنىڭ كېسىك ۋە كەمتۈكلىكى ھەققىدە ئىسپاتنامە بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەسلىدە ۋەقەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىر ئائىلە ماجىراسى بولۇپ، ئايشەمگۆلنىڭ دادىسى ۋە ئىككى بالىسىغا پىچاق سالغۇچى ئۆزىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشىدۇر. خىتاي قانۇنى بۇ قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئەمما شۇنچە كۆپ ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، بەدەن ئورگانلىرىنىڭ بۇلىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق دېلو تۇرغۇزمىغان. ئايشەمگۈلنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىگە قۇلاق سالغۇچى ئورۇنمۇ چىقمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.