خىتاي دېموكرات ھەرىكىتىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى ھېسابلانغان ئۆركەش دۆلەت «دېموكراتچى دوستلارغا بىر پارچە خەت» ناملىق ماقالىسىدە، بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز ۋە ئاز ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەت قورالى ۋە دۆلەت ئارمىيىسىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە، خىتايلارنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ بولۇش، كۈچلۈك بولۇش، بولۇپمۇ تەبىئىي ھالدا دۆلەت ئارمىيىسى ماڭا تەۋە، مەن دۆلەت ئارمىيىسىگە تەۋە دېگەن ئاساستا ئۆزلىرىنى كۈچلۈك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا بۇنداق شارائىتتا خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلاردىن خىتاي خەلقىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە شۇنداق قىلغاندا تىبەتلەرگە ئوخشاش قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ تۈپتىن خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆتكۈر تىل ۋە ئوخشىتىشلار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن.
ئۆركەش دۆلەت ئۆزىنىڭ بۇ قىسقا خېتىدە، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان خاتا تەشۋىقاتلارغا ئەگىشىپ، تارىختىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئاجىز ئۇيغۇر مىللىتىنى خاتا يوسۇندا ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىپ، "مەيلى تيەنئەنمىندە ياكى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، گۇناھسىز كىشىلەر ئۆلمەسلىكى كېرەك" دېگەن. بۇ سۆزلەرنى ئۆركەش دۆلەت ياپونىيىدە ياپونىيە مۇخبىرىغا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ، خىتاي-ياپونىيە ئۇرۇشى دەۋرىدە ھەر ئىككى دۆلەتتىكى بىگۇناھ خەلقىنىڭ سەۋەبسىز ئۆلۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدىمۇ توختالغان.
ئۆركەش دۆلەت، ئىلگىرى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "ۋەتەننىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋاتىمەن" دېگەن ئىدى.
ئۆركەش دۆلەت خىتاي دېموكراتلىرىغا يازغان خېتىدە يەنە، نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى تالاش-تارتىش قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۆركەش دۆلەتنىڭ خېتىنى تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئېلشات ھەسەن سۆزىدە يەنە، خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى بىلەن تونۇلغان ئۆركەش دۆلەتنىڭ، ئۆزىنى "مەن ئۇيغۇر" دەپ تۇرۇپ، خەلقئارا سورۇن ۋە مەتبۇئاتلاردا، ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆز قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ئالاھىدە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلارنىڭ باشقا مىللەت سىياسىيونلىرىنى ھامان چەتكە قاقىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.