ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى (1)
2013.01.03
قاغىلىقتا يۈز بەرگەن بەخت يولى ۋەقەسى، كورلىدا يۈز بەرگەن توۋۇرچى ۋەقەسى، تيەنجىندە يۈز بەرگەن مىللىي كەمسىتىشكە قارشى ئۇيغۇرلار نامايىشى قاتارلىقلار مانا بۇنىڭ مىساللىرى. تۆۋەندە سىلەرگە ئەنە شۇ ۋەقەلەرنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.
2012-يىلى بىر ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋە دۇنياغا ئاشكارىلانغان مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ يۈز بەرگىنى قاغىلىقتىكى بەخت يولى ۋەقەسىدۇر. ۋەقە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە ئۇيغۇر پىدائىيلاردىن 9 كىشى قاغىلىق بازىرىدىكى خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا خىتاي تەرەپتىن 15 كىشى ئۆلگەن ۋە 14 كىشى يارىلانغان. پىدائىيلارنىڭ7 نەپىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى نەپىرى يارىدار ھالەتتە ئەسىر چۈشكەن.
28-فېۋرال ۋەقەسىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي تاۋابىئاتلىرىدىن 3 كىشى ئۆلگۈچىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاغىلىق بازىرىدىكى بىر ناۋايغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا يېنىك يارىلانغان ناۋاي، قارشى تەرەپنىڭ قولىدىن پىچاقنى تارتىۋېلىپ ھۇجۇمچىلارغا قايتۇرما زەربە بەرگەن ۋە خىتاي ھۇجۇمچىلاردىن ھەر ئۈچى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
28-فېۋرال كۈنى يەنە كورلىنىڭ قارا يۇلغۇن يېزىسىدا توپلىشىپ دىنىي ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ كۈنى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۆي ساھىبى قويۇۋېتىلمىگەن ۋە ئۇنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاقارەتلەنگەن. تۇتقۇننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان توختى ئىبراھىم، ئۆزى يەرلىك ئۇسۇلدا بىر بومبا ياسىغان. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بومبا مۇددەتتىن بۇرۇن پارتلاپ كېتىپ، ھۇجۇم پىلانى پاش بولۇپ قالغان ۋە ئۇ قولغا ئېلىنغان.
8-مارت كۈنى كورلىنىڭ توۋۇرچى يېزىسىدا، 4 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. پىدائىيلار يېرىم كېچىدە ئۆي ئاختۇرغىلى كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىغا باش ئەگمىگەن ۋە ئۇلارغا پالتا ۋە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ نەق مەيداندا ئېلىشىپ ئۆلگەن. بۇ ۋەقە 4-مارت بومبا پارتلاش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، كورلىدا يەنە بىر نۆۋەت كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە تۇتقۇنغا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.
6-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى خوتەندىكى بىر يەر ئاستى مەدرىسىدە مۇدەررىسلەر بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن؛ توقۇنۇشقا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يولسىز تەكشۈرۈشى، زوراۋانلىقى ۋە مۇدەررىسلەرنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنماي قارشىلىق كۆرسىتىشى سەۋەب بولغان. ۋەقەدە 12 نەپەر تالىپ، 2 نەپەر مۇدەررىس ۋە 3 نەپەر ساقچى يارىلانغان، 3 نەپەر مۇدەررىس قولغا ئېلىنغان.
2012-يىلى يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئەسلەتمە مەلۇماتلىرىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا ئاڭلايسىلەر.