ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى: 'پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۇيغۇرلار زىيانغا ئۇچرىمىدى'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.25
2010.08.25
RFA Photo / Shohret Hoshur
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە پاكىستاندا 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇلار پاكىستانغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرىدا ھىجرەت قىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغان.
ئاپەت دەسلەپتە ئاساسلىقى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى يېزىلاردا يۈز بەرگەن، ئارقىدىن جەنۇبىي قىسمىغا كېڭەيگەن. يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا نۆۋەتتە جىددىي كېرەك بولۇۋاتقىنى پاكىز سۇ، تائام ، تۇرالغۇ ۋە يېپىنچا بۇيۇملاردۇر.
نۆۋەتتە خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرى پاكىستاندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئالدىنقى 3 كۈن ئىچىدە 1300 ئائىلىگە يېمەك - ئىچمەك تارقاتقان بولۇپ، ۋەخپىنىڭ كاتىپى ئەكبەرجان، بۇ قېتىمقى ياردەم پائالىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەرىپىدىن باشقا تەرەپلىرىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.