0:00 / 0:00
ئابدۇغاپپار ئۆزىنىڭ ۋەتەندە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىغا قارشى بىر چىقىش يولى ئىزدەش غايىسى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىنى، ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى، ئەسىرگە چۈشۈشىگە پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا ئائىت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆھبەت داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ياكى رايوندىكى ھەر قانداق بىر كۈچكە قارشى پىلان ۋە نىيىتى بولمىغانلىقىنى، پەقەتلا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مەيداندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشۈش جەريانىدا قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.