ئۇيغۇر ھاجىلارغا ياردەم قىلغان پاكىستانلىق ئۇيغۇر ئاكا - ئۇكىلار تەھدىتكە ئۇچرىدى

مۇھەممەت ئۆمەر ئوسمانخان بىلەن مۇھەممەت ئەكبەر ئوسمانخانلار پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، دادىسى ئوسمانخان ئەپەندى بولسا 1960 ‏ - يىللاردا پاكىستانغا كۆچۈپ چىققان 2 ‏ - ئەۋلات ئۇيغۇر پاكىستانلىقلار بولۇپ ھېسابلىناتتى.

0:00 / 0:00

لېكىن بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر مۇھاجىرى يېقىندىن بېرى پاكىستان مەخپىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەقىپ قىلىش نىشانى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەقىپ قىلىنىشىدىكى سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىدۇر.

2006 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئايدا ھەجگە ماڭغان 5 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ھەج ۋىزىسى ئالالماي پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مۇھەممەت ئۆمەر ۋە مۇھەممەت ئەكبەرلەر ئۇلارنى سەئۇدى ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى يىغىلىشقا تەشكىللىگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

پاكىستان مەخپىي بىخەتەرلىك ئورگىنى يېقىندا مۇھەممەت ئۆمەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن. تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتقان مۇھەممەت ئەكبەر رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ پاناھلىنىش سەۋەبى، پاكىستاندىكى ئاكىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ مۇھەممەت ئەكبەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.