پارىژ شەھىرىدە ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

مۇشۇ يەكشەنبە يەنى 22 - ئىيۇن كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە فرانسىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا فرانسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-06-26
Share

 مەزكۇر پائالىيەتكە فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەتراپلىق تەييارلىقلار بىلەن ئىشتىراك قىلغان .

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار،  تىبەتلەر، فالۇنگۇڭچىلار، دېموكراتىك خىتايلار ۋە باشقا دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى كۈچلەر ۋە نامايىش كۆرگۈچىلەردىن بولۇپ 10مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان.

سائەت 12 دە باشلانغان مەشئەل كۆتۈرۈپ مېڭىش نامايىش پائالىيىتىدە جەمى 21 ئادەم نۆۋەت بىلەن مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن چىرايلىق دوپپا ۋە ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن ئۇيغۇر قىزى نۇرگۈل مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ 6 ‏ - سى بولۇپ ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۆتۈرگەن.

ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى كىيىم ‏ - كېچەكلىرىنى كىيگەن، قوللىرىغا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كىيگەن چىرايلىق دوپپىلىرى، ئەتلەس كۆينەكلەر، ئەرلەرنىڭ ئۇچىسىدىكى ئېسىل تونلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىىتىنى قوزغىغان. مەزكۇر نامايىش چۈش سائەت 12 دە باشلانغان بولۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت