دەسلەپ ئىشتىن بوشىتىلغان، ئارقىدىن مەزكۇر ئەسۋاپنى شىركەتنىڭ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمەلىيەتتە ئالاقىدار زاۋۇتلار بىلەن سوزلىشىپ، مەزكۇر ئەسۋاپنى مىليونلاپ ئىشلەپچىقارغان. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شىركەتلەر مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە دۆڭگەپ، ئۆمەرجان ئابلانىڭ ھەققىنى بەرمىگەن.
ئۆمەرجان ئابلا شۇنىڭدىن كېيىنكى 8 يىلنى ئاساسەن ئەرز ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۈرۈمچىگە ئەرز قىلىپ 100 قېتىمدىن ئارتۇق بارغان، بېيجىڭغا 20 قېتىمدىن ئارتۇق بارغان. ئۇ بۇلتۇر 2 - ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭدا مەخسۇس تۇرۇپ داۋا قىلماقتا. ئۇ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بارغىنىدا، ئۇنى كەسپىي ئورۇنلارغا بېرىشقا بۇيرۇغان، كەسىپىي ئورۇنلار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى كۆرسەتكەن. مەركىزى ئەرزىيەت ئىدارىسى بولسا، ئەرزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن، مەسىلىنى تەكشۇرۈۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ چارىسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆمەرجان ئابلا 8يىلدىن بېرى دوستلىرىنىڭ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ياشاپ كەلمەكتە، ئىشسىز بىر شەخسنىڭ ئەرز سەپىرىدە نېمىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس: ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن باشقا سىياسىي بېسىم ۋە تەھدىت، ئۇ دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقنىڭ بىرى بولغان.
ئولىمپىك مەزگىلىدە تۇرىدىغان يەر تاپالماسلىق، ئۇنىڭ ئۇچۇن ئادەتتىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغان، چۇنكى بۇ چاغلاردا قاراماي ساقچى ئىدارىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۆمەرجان ئابلانى تۇتۇپ كېلىش ئۇچۇن، بېيجىڭغا خادىم ئەۋەتكەن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جايلارغا رەسىملىك تۇتۇش ئېلانىنى چاپلاپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىنى بۇيرىغان.
تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۆمەرجان ئابلا، "تېررور گۇماندارى،" " ئۈچ خىل كۈچ" لەرنىڭ غوللۇق ئەزاسى دەپ سۈپەتلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەرزىنى ئاڭلايدىغان ئورۇن ۋە كىشىنى ئىزدەشتىن باشقا، ساقچىدىن قۇتۇلۇشنىڭمۇ يولىنى ئىزدىگەن. ئۇ سۆھبىتىمىز ئارىسىدا، ئۆز ئەرزى ھەققىدە ئاپتونوم رايوندىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ ئەرزگە قىززىقمىغانلىقىنى، قىزىققان ۋە ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنىڭ بولسا قولىدىن ئىش كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركەزدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن ئىسمائىل ئەمەت ۋە تومۇر داۋامەتلەرمۇ ئۇنىڭ ئەرزىدىن خەۋەر تاپقان، مەلۇم يەرگىچە ئارىلىشىپ باققان ۋە گېپىنى ئۆتكۇزەلمىگەن. .ھەتتا سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇ يى 2001 - يىلى، ئالاقىدار ئورۇنلارغا خەت يېزىپ، ئۆمەرجان ئابلا' نىڭ ئەرزىگە قاراپ چىقشنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان ھەقسىزلىقنى تۇزىتىشنى بۇيرىغان، ئەمما بۇ خەتمۇ كارغا كەلمىگەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئابلا نېفىت ساھەسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "نېفىت ساھەسى ئاپتونوم رايونغا قارىمايدۇ، شۇڭا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ سۆزى ئۆتمىدى، نېفىت ساھەسىدىكى كىچىككىنە بىر ئىشخانىنىڭ مۇدىرىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسىنى كوزگە ئىلمايدۇ."
نېفىت ساھەسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كۇچ، بۇ شىركەت ئايرىم بىر پادىشاھلىق، نېفىت ساھەسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پارىخورلار ئۇگىسى، شۇڭا مېنىڭ ئەرزىم ھەل بولمايۋاتىدۇ؛ ئەمدى مەن چەتئەل مۇخبىرىلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن، چەتئەلدىكى پاتېنت ھوقۇقى جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق مەسىلەمنى ھەل قىلاي دەۋاتىمەن.
بىز ئۇنىڭدىن ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا تېررورچى قالپىقى كەيگۇزۇشتە قانداق پاكىتقا ئاساسلانغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇ بىرىنچى ئۇيغۇر بولغانلىقىم، ئىككىنچى نېفىت شىركىتى ئۇستىدىن ئەرز قىلغانلىقىم دەپ جاۋاب بەردى . ئۇ يەنە نېفىت ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئۇستىدىن گەپ قىلىشقا، سوئال سوراشقا بولمايدىغان نازۇك بىر تىما ئىكەنلىكىنى، نېفىت ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بولگۇنچىلىك سانىلىدىغانىقىنى ئەسكەرتىپ ئوتتى.
ئۆمەرجان ئابلا، 8 يىللىق ئەرزدارلىق تارىخىدا، ئۆز ئەرزىدە ھېچقانداق ئۇتۇق قازىنالمىغان؛ ئۇنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت ئەرز قىلىش يوللىرى، ئىشخانىلارنىڭ ئادرىسلىرى، باشلىقلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى قاتارلىق ئەرزدارلارغا كېرەكلىك ئۇچۇرلار بولغان.
بۇ سەۋەبتىن ئۇ ھازىر ئۆز ئەرزىدىن باشقا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭمۇ ھاۋالە ئەرزلىرىنى تەڭ ئېلىپ ماڭماقتا. ئۇنىڭ قولىدا ھازىر، ئۆزىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئەرزىدىن باشقا، ئىنىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يارىدارلىنىپ، بېقىشسىز قالغانلىقى، سىڭلىسىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكى، قارىمايدا، 10 مىڭ ئىشچىنىڭ تەمىناتسىز قالغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى 1 - ئاۋغۇست پولات زاۋۇتىدا 400 نەپەر ئۇيغۇر تېخنىكنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەنلىكى قاتارلىق 10غا يېقىن ئەرزنىڭ ئارخىپى بار.
مانا بۇلار ئۇ قوبۇل قىلىپ يول مېڭىۋاتقان ھاۋالە ئەرزلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ ئەرىزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرىزدىن ۋاز كېچىشى تەۋسىيە قىلىنىپ قوبۇل قىلىنمىغان.