غايىپ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام پار پۇلىنى تولىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوتقا چاقىرىلغان

5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىپلاردىن ئىماممەمەت ئەلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، 4 يىلدىن بېرى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنىڭ پار پۇلىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سوتقا چاقىرىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.02.15
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur


سوت چاقىرىقىدا ئۇنىڭغا پۇلنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىر ئايلىق مۆھلەت بېرىلگەن. پاتىگۈل غۇلام دائىرىلەرگە ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكى بىلەن بولۇپ 4 يىلدىن بېرى ئىشلىيەلمىگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، پار پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەيدىغانلىقىنى، قالغان قىسمى ئۈچۈن پار شىركىتىنىڭ پار قازىنىغا ئوت قالاپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە پاتىگۈل غۇلام بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پاتىگۇل غۇلام سوت چاقىرىقىنى ئېلىپ كەلگەن ساقچى خادىملىرىغا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە پۇلنى تولۇق تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى 4 يىلدىن بېرى ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئېلىش بىلەن بولۇپ ئىشسىز قالغانلىقىنى، ھەتتا ئۇياق - بۇياققا يول مېڭىپ كۆپ چىقىمدار بولغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بولسا، بۇ ئاۋارىچلىقلارغا پاتىگۈلنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پار پۇلىنى تۆلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقىنى ئېيتقان. مانا بۇ چاغدا پاتىگۈل «مېنى باقىدىغان، مېنىڭ پار پۇلۇمنى تۆلەيدىغان، ئوغلۇمنى ھۆكۈمەت يەپ كەتتى، بۇ ئىشتا مەن سەۋەبكار ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە ئوغلى غايىپ بولۇشنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشىنىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا 4 بالىسىنى تىككۇچىلىك بىلەن تاپقان پۇلى بىلەن ئوقۇتۇپ چىققانلىقىنى، ھۆكۈمەتكە قىلچىمۇ تايانمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تاپقان - تۇككىنىنىڭ ھەممىسىنى چوڭ ئوغلىنى ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلىپ، چوڭ ئوغلىنى داڭلىق بىر ئۇنىۋىرسىىتېتا ئېنجىنىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، ئوغلى ئەمدىلا خىزمەتكە چىققاندا ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ يەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، غايىپ ئىماممەمەت ئەلى تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىلىدە بانكا ھېسابىدا 5مىڭ يۈەن پۇل بار بولۇپ، بۇ پۇل ئىماممەمەت بىلەن تەڭ يوق قىلىۋېتىلگەن. پاتىگۇل غۇلام بۇ پۇلنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم دائىرىلەرگە ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەن. شۇڭا پاتىگۈل غۇلام ئۆزىدىن ھال سوراپ كەلگەن مەھەللە سېكرىتارىغا سوتنىڭ چاقىرىقىنى كۆرسىتىپ،، ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلى بىلەن تەڭ يوقىتىۋەتكەن شۇ 5 مىڭ يۇەننى قايتۇرۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان ۋە پۇلنى پار شىركىتىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى، قالغان قىسمى ئۈچۈن پار شىركىتىنىڭ پار قازىنىغا ئوت قالاپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ساقچىلارنىڭ بەزىلىرى پاتىگۈلنى مەزكۇر پۇلنى تۆلەشكە زورلسا، بەزىلىرى پاتىگۇلگە بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. پاتىگۇل بولسا ياردەم قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئوغلى تېپلماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي دەرت - ئەلەملىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.