پەيزىۋاتتىكى ۋەقەلەرگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى (4)

بۇ قېتىم پەيزىۋاتتا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قورالىنىڭ پىچاق بولغانلىقى ۋە كۈچلۈك قورشاۋ ئاستىدا ئاخىرقى نەپىسىگە قەدەر قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەم دۇنيادا ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.09.04
saqchi-uyghur-qiz-tekshurush-305 ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
AFP Photo

 خىتاي تەرەپ بۈگۈن مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنى تېررورچىلار دەپ ئاتىسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۈگۈن ئۇلارنى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى دەپ ئاتىدى.

گوللاندىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، يامانيار ۋە قىزىلبويى ۋەقەلىرىنى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بولسا مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى مىللىي قوغدۇنۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىدى. مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن كۈرەش ئاتاخان سۆزىدە، يامانيار ۋە قىزىلبويى ۋەقەسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

كۈرەش ئاتاخان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە قارشىلىقتا ئۆلگەن ئۇيغۇر ساقچى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھەقىقىي قاتىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق ۋەقەلەردە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغانلار چىقىدىغانلىقىنى ئۇلارغا پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كۈرەش ئاتاخان سۆزىدە يەنە، ئاخىرقى ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىدىن ئېغىر چىقىم بولغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ، ھەر قايسى ساھەلەردە، ھەر خىل شەكىللەردە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە، يېقىنقى ۋەقەلەردە ئۆلگەن ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىلىرى ئۈچۈن قۇرئان - تىلاۋەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەت جەرياندا، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى جېلىل قارىم سۆز قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.